تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شۆھرەت زاكىر جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ باشلىقى جاۋ خۇەن بىلەن كۆرۈشتى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يېقىندا جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بانكا باشلىقى جاۋ خۇەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شۆھرەت زاكىر جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ھەم شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا زىچ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قويۇق كەيپىياتى ئىچىدە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى پۇرسىتى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى پۇرسىتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت سىجىل مۇقىم بولۇش پۇرسىتىنى ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››دە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تېز ئىلگىرى سۈرمەكتە.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، بايلىقى ئىنتايىن مول، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، شىنجاڭنى ئېچىش قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ زور سالماق بىلەن قاتنىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى بۇرۇنقىدەكلا ياخشى تىجارەت تەرەققىيات مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  جاۋ خۇەن ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىغا باشتىن – ئاخىر ئەھمىيەت بېرىدۇ، مەۋقەنى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› مۇلازىمىتىگە قارىتىپ، كاپىتالنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك، ئاپپارات بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ، كەسىپلەر يېزىلارغا چوڭقۇر سىڭگەن بولۇشتەك ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە كىرېدىتى قاتارلىق جەھەتتە شىنجاڭغا مايىللىشىش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››دە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇۋەققەت باش كاتىپ سارقىت ئاقان كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى