تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيلى

  شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورى

  ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىدا ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى> ۋە <پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى›› ماقۇللىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئومۇمىي نىشانى، ئاساسىي پىرىنسىپى، ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرغانلىقى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرغانلىقى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنىڭ نامايان قىلىنىشى، بىز مەۋقەنى يېڭى دەۋرگە قويۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدا تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ ھەم ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشتە، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك. پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى›› ۋە ‹‹پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى›› قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويغان زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانىغا يېتىش كۆزدە تۇتۇلغان زور تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر مەيدان چوڭقۇر ئىسلاھات، ئۇ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى كەڭ دائىرىدە قوزغاش، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ھازىر شىنجاڭ يەنىلا ئىككى ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› كەسكىن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۈشكۈل، ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى فۇنكسىيە ئىقتىدار سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىشقا جىددىي توغرا كېلىۋاتىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشتە، ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىدا بېكىتىلگەن يېتەكچى ئىدىيە، ئومۇمىي نىشان، ئاساسىي پىرىنسىپ، ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاپپارات تەسىس قىلىش ۋە فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارىنى تەقسىملەش جەريانىدا ساقلانغان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى قەتئىي ھەل قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىلىق ئىستراتېگىيەلىك نىشان، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئاپپاراتنىڭ فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارى جەھەتتىن پارتىيە بارلىق خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە – مېخانىزم مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ زور تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشقا مۇكەممەل، ئۈنۈملۈك بولغان تۈزۈلمە – مېخانىزم كاپالىتى، پۇختا تەشكىلىي ئاساس ۋە ئۈنۈملۈك خىزمەت سىستېمىسى ھازىرلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە تاپشۇرغان شەرەپلىك بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىمىزگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلقنىڭ ماس، ھەمتۈرتكىلىك، بىر تۇتاش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قوماندانلىق قىلىش سىستېمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹بىر يۈرۈش بەنزە پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىملىقنى قوغداش، بىر يۈرۈش بەنزە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى تۇتۇش›› خىزمەت ئەندىزىسىنى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ئاپپاراتلارنى ئىلمىي تەسىس قىلىش، فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارىنى مۇۋاپىق تەقسىملەش، ئىشتاتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىش، تۈزۈلمە – مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھازىرقى بىلەن يىراق كەلگۈسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشتە، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئاچقۇچ. شىنجاڭ گەرچە پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، بىراق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبى باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ باغلانغان، زىچ تۇتاشقان، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى ۋە تەشەببۇسىنى قەتئىي ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  بۇ قېتىمقى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتى خىزمىتى سالمىقى زور، تەسىرى كەڭ، چېتىلىدىغان مەنپەئەت مۇناسىۋىتى مۇرەككەپ بولغان سىستېما قۇرۇلۇشى بولغاچقا، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. بىر قولدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى تۇتۇش، بىر قولدا مۇقىملىق، تەرەققىياتقا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تۇتۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش؛ يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىش؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىلىق خىزمەتنى ياخشى تۇتۇش، ئاپپارات ئىسلاھاتى مەزگىلىدە خىزمەتلەرنى تۇتىدىغان ئادەم بولۇش، باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇش، چىڭ ۋە ئەمەلىي تۇتۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، كۆڭۈل قويۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى