تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

  ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5– ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، چېن چۈەنگو سۆز قىلدى

  ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىكى مۇھىم دوكلاتى ۋە مۇھىم سۆزى، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى›› ۋە ‹‹پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى›› ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى> ۋە <پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى›› ماقۇللاندى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنى 5 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىندا سۆز قىلدى. 

مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنى 5 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. سۈرەتتە: يىغىن مەيدانى.     

مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى

  مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنى 5 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئېچىلدى.

  ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىندا سۆز قىلدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزاسى، كاندىدات ئەزاسى بولمىغان ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

   ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىكى مۇھىم دوكلاتى ۋە مۇھىم سۆزى، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى›› ۋە ‹‹پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى›› ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى> ۋە <پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى›› قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. شۆھرەت زاكىر ‹‹يولغا قويۇش پىكرى›› توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

   ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، دادىل زىممىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت مۇقىم، ۋەزىيەت كونترول قىلىنغان، يۈزلىنىش ياخشى بولغان ھالەتنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا قەدەم قويغان تارىخىي كېسىشىش مەزگىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىدىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق ۋاقىت ۋە تۈگۈندە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چاقىرغان ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى چوڭقۇر بايان قىلىنىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى زور مەسىلىلەرنى توغرا چۈشىنىش ۋە ئىگىلەشنىڭ زۆرۈرلۈكى مۇپەسسەل شەرھلىنىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يەرلىكنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ئېنىق تەلەپلەر قويۇلۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىزغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى ھەم ئۇ تۈپ قوللانمىغا ئىگە قىلىندى. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىشى كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتى خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىرىنچىدىن، يېتەكچى ئىدىيەنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا، توغرا ئىسلاھات يۆنىلىشىدە، خەلقنى مەركەز قىلىشتا، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى يېتەكچى، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ياخشىلاش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئاپپارات تەسىس قىلىشنى ئىسلاھ قىلىپ، فۇنكسىيە تەقسىماتىنى ياخشىلاپ، فۇنكسىيە، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، ئىستىلنى ياخشىلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈنۈم ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئومۇمىي نىشاننى ئىگىلەش كېرەك. سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھۆكۈمەت ئاپپارات فۇنكسىيە سىستېمىسىنى، ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلىگەن، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان پارتىيە رەھبەرلىك سىستېمىسىنى، مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى، ئالاقە دائىرىسى كەڭ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن، رېۋىزىيە ئورگىنى، سوت ئورگىنى، تەپتىش ئورگىنى، خەلق تەشكىلاتلىرى، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتارلىقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرۇپ، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشتە، خەلقنى مەركەز قىلىشتا، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە، ئەلا، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشتا، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ تولۇق قاپلىشىغا، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى تەسىس قىلىشنى ياخشىلاپ، خەلق رازى بولىدىغان مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، بىڭتۈەن، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئاپپارات ئىسلاھاتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)لەرنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىخچام، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئاساسىي قاتلام باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ ئاپپارات ئىشتاتىنى قانۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي جاسارەت بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بىرىنچىدىن، ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئومۇمىيەتكە قەتئىي بويسۇنۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. ئىككىنچىدىن، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە باش بولۇپ ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، ھەر قايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېكىتكەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئىدىيەۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇنداش كېرەك. ئىسلاھات مەزگىلىدە ئىدىيەدە قالايمىقانچىلىق كۆرۈلمەسلىك، خىزمەت توختاپ قالماسلىق، قوشۇن چېچىلماسلىق، غەيرىتى سۇسلاشماسلىققا كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، رىتىملىق، تەرتىپلىك، ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، ئاپپارات ئىشتاتى ئىنتىزامى، كادىرلار ئىشلىرى ئىنتىزامى، مالىيە ئىنتىزامى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. بەشىنچىدىن، تەشۋىقات، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرى ۋە ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجابىي تەشۋىقات ۋە جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر قولدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى تۇتۇپ، بىر قولدا مۇقىملىق، تەرەققىياتقا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تۇتۇپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەزگىلىدە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تۇتىدىغان ئادەم بولۇش، باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇش، جىددىي تۇتۇش، ئەمەلىي تۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، مۇھىم ھالقىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. بىرىنچىدىن، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، تۈرلۈك ئۈنۈملۈك ياخشى تەدبىر، ياخشى مېخانىزملارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ مەيدان كەسكىن جەڭ››، ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››نى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، ‹‹ئۈچ ھەمتۈرتكە بولۇش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىش كېرەك. زور خەۋپ – خەتەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ھۆكۈمەت قەرزى خەۋپ – خەتىرى ۋە پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ – خەتەر كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك؛ دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئىككىدە غەمدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش، بىردە يېقىنلىشىش››نى تۇتقا قىلىپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، 2020 – يىلى ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئېغىر نامراتلىقنى تۈگىتىش، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقنى تۈگىتىش كېرەك؛ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن قاراشنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەر بىر تال گۈل – گىياھى، تاغلىرى ۋە سۈيىنى ياخشى قوغداش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچ نۇقتىلىق خىزمەتنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك؛ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش پۇرسىتىنى تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېزا كەسىپلىرى، ئىختىساسلىقلىرى، مەدەنىيىتى، ئېكولوگىيەسى، تەشكىلاتلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت پۇرسەتنى تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى كېڭەيتىش كېرەك. مۇقىملىقنىڭ پايدىسىدىن يەنىمۇ تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەڭ يۇقىرى چەكتە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۈرلۈك كارخانىلارنى شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىپ، كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، كۆڭۈل قويۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.