تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› نى يوقىتىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قېزىپ چىقىمەن

 قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى قوشتولغاي بازىرى دېلون مەھەللىسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى كادىرى ماشيۇجى


    مەن كىچىكىمدىن ھەر مىللەت ئاكا – ئىنى، ئاچا – سىڭىللار بىلەن بىللە ياشاپ، كۈندە بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئويناپ چوڭ بولدۇم. دادام دائىم ھەر مىللەت قوشنىلار بىلەن بىللە كالا بېقىپ، ئوت – چۆپ ئورۇپ، چاي ئىچىپ، پاراڭلىشىپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، تومۇرداش بولۇپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە ئۆتكەنىدى. دادام مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر›› پىروگراممىسىنىڭ سادىق كۆرۈرمەنى بولۇپ، ھەر كۈنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلەتتى. دادام دائىم: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ھەممە ئىشلار بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، دەيتتى.
    شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بۇ گۈزەل زېمىندا ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز، بىز ئىتتىپاقلىق، دوستلۇققا، ئىناقلىق، مۇقىملىققا موھتاج، بەختلىك، تىنچ تۇرمۇشىمىزنى پارتىيەنىڭ بەرگەنلىكى ھەممىمىزگە تولىمۇ ئايان.
    لېكىن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭ تارىخىنى ئۆزگەرتىپ، پاكىتنى بۇرمىلاش ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى قايمۇقتۇرۇشقا ئۇرۇندى؛ ئۇلار دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى ھە دەپ تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىپ، تىنچ، ئىناق، بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، مەقسىتى شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بۇ مۇنبەت زېمىننى قىزغىن سۆيىمىز، ھەر مىللەت خەلق ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى يوقىتىپ، قاراڭغۇ بۇلۇڭ – پۇچقاقلارغا يوشۇرۇنۇۋالغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قېزىپ چىقساقلا، ئۇلارنىڭ ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايى مەقسىتى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
    ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى مەردانىلىك بىلەن بايرىقىم روشەن ھالدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، تونۇشتا مۈجمەل بولماي، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماي، ھەرىكەتتە بوشاڭلىق قىلماي، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاۋانگارتلاردىن، ئۈلگىلەردىن بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى قەتئىي ئەستايىدىل پەرقلەندۈرۈپ، تەسىرىنى قەتئىي تازىلايمەن.
    ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھازىرقى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپەم  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. مەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى پىششىق ئۆگىنىپ، روھىي ماھىيىتىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە مەھەللىنىڭ تەشۋىقات، ئۆگىنىش ۋە تەربىيە پائالىيەتلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، خىزمەتنى نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ياخشى ئىشلەيمەن. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ھەربىر تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى ياخشى قۇرۇپ چىقىشقا جەزمەن تېگىشلىك تۆھپە قوشالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى