تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مائارىپ سېپىدىكى ئاساسىي بازىنى ياخشى ساقلايمەن

 قابا ناھىيەلىك مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مائارىپ ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئاتىللا رەھمەت


    دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى ئەزەلدىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى بىلەن زىچ باغلانغان، ۋەتىنىمىز باي – قۇدرەتلىك بولسا، شىنجاڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى يولغا قويۇشنى نىشان قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ مۇھىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلانغان، مائارىپ سۈپىتى يىلدىن – يىلغا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى، ئات ئۈستىدىكى مەكتەپ مەڭگۈلۈك تارىخقا ئايلاندى.
    شىنجاڭ ئىزچىل بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپى بولۇپ كەلدى، رەزىل ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭنى ۋەتىنىمىزدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ بىزدىن ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى تالىشىش كۈرىشى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى، سىڭدۈرمىچىلىك ۋە سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى باشتىن – ئاخىر كەسكىن، مۇرەككەپ بولماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇتۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن لاياقەتلىك قۇرغۇچىلار ۋە ئىشەنچلىك ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرۈش ئەڭ مۇھىم ئىش ھېسابلىنىدۇ.
    شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى: پارتىيەگە باشتىن – ئاخىر مۇتلەق سادىق بولىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە باشلامچى بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغدايمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.
    مەن پۈتۈن ناھىيەنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارغا ۋاكالىتەن قەتئىي شۇنداق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەنكى: بىرىنچىدىن، دىققەتنى باش نىشانغا كەم – كوتسىز مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ بازىسىنى ياخشى ساقلايمەن. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەيمەن. ئىدېئولوگىيە ساھەسى خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى ۋە يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئېتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ مائارىپ بازىسىغا سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسىمەن. ئىككىنچىدىن، مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتىنى تەۋرەنمەي چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىمەن. پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى كۈچەيتىمەن. ئۈچىنچىدىن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىمەن. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ‹‹پارتىيە بايرىقى يېتەكلەش، مائارىپنى قەلبىگە پۈكۈش››تەك پارتىيە قۇرۇلۇشى ماركىسىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنىنى قەتئىي ئىجرا قىلىمەن، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇلۇشىغا، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمەن. كادىرلار، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىشقا يېتەكلەپ، ‹‹ئېتىقادتا، سىياسىيدا، مەسئۇلىيەتتە، ئىقتىداردا، ئىستىلدا كۈچلۈك›› بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مائارىپ سېپىدىكى ئاساسىي بازىنى ياخشى ساقلايمەن.  

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى