تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرىغا ئېھتىرام بىلدۈرەيلى

    ئىلمىي نەزەرىيە تارىختىن ھالقىپ شانلىق ھەقىقەت نۇرىنى تارقاتتى؛ ئۇلۇغ ئىدىيە دەۋردىن ھالقىپ ئېتىقادنىڭ كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
    ماركس 1818 – يىلى 5 – ئاينىڭ 5 – كۈنى گېرمانىيەنىڭ ترىئېر شەھىرىدە تۇغۇلغان. بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بۇ ‹‹ 1000 يىل مابەينىدىكى تەڭداشسىز مۇتەپەككۇر››نىڭ بۈيۈك نامى ۋە ئىشلىرى دۇنيادا داۋاملىق ساقلىنىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت مۇساپىسىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسنىڭ ئۇلۇغ پەزىلىتى ۋە تارىخىي تۆھپىسىنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، ماركسنىڭ ئالىيجاناب روھى ۋە شانلىق ئىدىيەسىنى ھاياجان ئىلكىدە ئەسلەپ، ماركسىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھەقىقەت كۈچىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ماركسىزمغا بولغان قەتئىي ئېتىقادىنى ئېنىق جاكارلاپ، يېڭى دەۋردە ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىمىزنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى ۋە قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ماركسىزملىق ئىلمىي ئېتىقاد، كوممۇنىزملىق يۈكسەك غايە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىدە چىڭ تۇرۇشىنى چوقۇم تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمىنىڭ، 21 – ئەسىر ماركسىزمىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى تېخىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاچىدۇ.
    ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرىغا ئېھتىرام بىلدۈرگەنلىك  ئۇلۇغ پەزىلەتكە ئېھتىرام بىلدۈرگەنلىك. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، ماركسنىڭ ھاياتى كۆڭلىگە يۈكسەك غايىنى پۈكۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغان ھايات، جاپا – مۇشەققەت، خەۋپ – خەتەردىن قورقماي، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىدىيەنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە جاسارەت بىلەن ئۆرلىگەن ھايات، كونا دۇنيانى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېڭى دۇنيانى قۇرۇش ئۈچۈن توختاۋسىز جەڭ قىلغان ھايات. ماركس ئىنسانىيەتنىڭ ئازادلىقىدىن ئىبارەت يۈكسەك غايە ئۈچۈن، سەرسان – سەرگەردان بولۇپ كەتسىمۇ، ئەسلىي مەقسىتىنى ئۆزگەرتمىدى، يوقسۇللۇق ۋە كېسەللىك چىرماپ ئالسىمۇ ئىرادىسىدىن يانمىدى؛ ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسىنى تىكلەش ئۈچۈن، پۈتۈن ھاياتىدا ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، ئادەتتىكى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە جاپا تارتتى؛ خەلقنىڭ ئېكسپلاتاتسىيە قىلىنىش ۋە زۇلۇمغا ئۇچراش تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، ئېگىلمەس – سۇنماس روھ بىلەن باشتىن – ئاخىر ئىنقىلابىي كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇردى. ماركس ھەم ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، ھەم ئۇلۇغ ئىنقىلابچى، ئۇنىڭ ئۇلۇغ ھاياتى يۈكسەك ئېتىقادى، قەتئىي ئىرادىسى ۋە بوشاشماي كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن.
    ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرىغا ئېھتىرام بىلدۈرگەنلىك  ئەڭ شانلىق ئىدىيەگە ئېھتىرام بىلدۈرگەنلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ماركسىزم ئىلمىي نەزەرىيە، خەلقنىڭ نەزەرىيەسى، ئەمەلىيەتنىڭ نەزەرىيەسى، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدىغان ئوچۇق نەزەرىيە بولۇپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بېرىپ، خەلقنىڭ ئۆزىنى ئازاد قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىدىيە سىستېمىسىنى يارىتىپ، خەلقنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، باشتىن – ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ ئىلمىي نەزەرىيە خۇددى ھەيۋەت بىلەن كۆتۈرۈلگەن قۇياشقا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ تارىخ قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۆزىنى ئازاد قىلىشنى ئىزدەش يولىنى يورۇتۇپ بەردى. دەۋرنىڭ قانداق ئۆزگىرىشى، ئىلىم – پەننىڭ قانداق ئىلگىرىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ماركسىزم يەنىلا ئىلمىي ئىدىيەنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نامايان قىلىدۇ، يەنىلا ھەقىقەت ۋە ئەخلاقنىڭ يۇقىرى نۇقتىسىنى ئىگىلەپ تۇرىدۇ.
    ماركسىزم دۇنيانى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگونىمۇ چوڭقۇر ئۆزگەرتتى. ماركسىزم باشتىن – ئاخىر پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، دۇنيانى تونۇشىمىز، قانۇنىيەتنى ئىگىلىشىمىز، ھەقىقەتكە ئىنتىلىشىمىز، دۇنيانى ئۆزگەرتىشىمىزدىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ سەكرەشتە، ماركسىزمنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ھەقىقىيلىقى تولۇق سىناقتىن ئۆتتى، ماركسىزمنىڭ خەلقچىللىقى ۋە ئەمەلىيەتچىللىقى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ماركسىزمنىڭ ئوچۇقلۇقى ۋە دەۋرچانلىقى تولۇق نامايان قىلىندى. پولاتتەك پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، سوتسىيالىزملا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزملا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرغاندا ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغاندىلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئورتاق غايىسى بىلەن، ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىمىز بىلەن بىرلەشتۈرىدىغانلا بولساق، كوممۇنىزم غايىسى ھازىرقى ئەھۋالنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىشتىكى رېئال ھەرىكەتتە قەدەممۇ قەدەم ئىشقا ئاشىدۇ.
    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزم بىلەن قوراللانغان سىياسىي پارتىيە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنىڭ سادىق ئېتىقادچىلىرى، قەتئىي ئەمەلىيەتچىلىرى، ماركسىزم بىز كوممۇنىستلارنىڭ ھەقىقىي دەستۇرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردە ماركستىن قانداق ئۆگىنىش، ماركسىزمنى قانداق ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەسىلىسىنى توققۇز جەھەتتىن چوڭقۇر شەرھلەپ بەردى. ماركستىن ئۆگىنىشتە، ماركسىزمنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، خەلق دېموكراتىيەسى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، دۇنيا تارىخى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە قۇرۇش توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. ماركسىزملىق مەيدان، كۆز قاراش، ئۇسۇلنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرگەندىلا، ئۇنىڭدىن ئىلمىي ئەقىل – پاراسەت ۋە نەزەرىيەۋى كۈچنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ ئىرادىلىك بولۇپ، تېخىمۇ ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ئەقىل – پاراسەتكە تولۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىدا چىڭ تۇرالايمىز ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرالايمىز.
    ‹‹ماركسىزم ھەقىقەتنى ئاخىرلاشتۇرمىدى، بەلكى ھەقىقەتكە تۇتىشىدىغان يولنى ئېچىپ بەردى››. ئىلمىي ئىدىيەۋى نەزەرىيەنى دۇنيانى تونۇش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى قۇدرەتلىك ماددىي كۈچكە ئايلاندۇرۇشتا، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ تۈپ پىرىنسىپلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى، تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، دەۋر تەلىپى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ماركسىزم ئارقىلىق دەۋرنى كۆزىتىشكە، دەۋرنى چۈشەندۈرۈشكە، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، مىسلىسىز خەۋپ – خەتەر ۋە سىناقلارغا دۇچ كەلگەن جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ جانلىق، مول ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ماركسىزمنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ، ئىجادىيلىققا، دەۋرچانلىققا ئىگە 21 – ئەسىردىكى جۇڭگونىڭ ماركسىزمى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىگە چوقۇم تۈرتكە بولىدۇ، 21 – ئەسىردىكى جۇڭگودا ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ.
    بۈگۈن بىز ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش، ماركسىزملىق ئىلمىي ھەقىقەتكە بولغان قەتئىي ئېتىقادىمىزنى جاكارلاش ئۈچۈن ماركسنى خاتىرىلەۋاتىمىز. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ماركسىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇپ، ماركسىزمدا تىرىشىپ قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىدىغانلا بولساق، ماركس، ئېنگلىس تەسەۋۋۇر قىلغان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىنى جۇڭگو زېمىنىدا داۋاملىق جانلىق نامايان قىلالايمىز.


(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 4 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى