تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز جەۋلان قىلدۇرايلى

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ ئەھۋالىنى مەركەزلىك كۆردى

چېن چۈەنگو باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن مەركەزلىك كۆرۈشكە قاتناشتى

   شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە 5 – ئاينىڭ 4 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ ئەھۋالىنى مەركەزلىك كۆردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ماركسىزمدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۇي قاتارلىقلار يىغىننى بىرلىكتە كۆردى.

    چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ماركسىزمنىڭ ئىلمىي ھەقىقىتىگە بولغان قەتئىي ئېتىقادىنى تولۇق جاكارلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ماركس، ئېنگېلس تەسەۋۋۇر قىلغان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىنى جۇڭگو زېمىنىدا ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىش قەتئىي ئىشەنچىسىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردى. ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 – ، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم ئېتىقادى ۋە كوممۇنىزم غايىسىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىشىمىز كېرەك.

    بىرىنچى، مۇھىم سۆزنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت تولۇق ئىگىلەنگەن، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، مەزمۇنى چوڭقۇر ۋە مول بولۇپ، ماركسنىڭ ئۇلۇغ، شانلىق ھاياتى چوڭقۇر ئەسلەنگەن، ماركسىزمنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى، مول مەزمۇنى ۋە ئۇنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان غايەت زور رولى چوڭقۇر شەرھلەنگەن، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئىجادىي ئىلگىرى سۈرگەن ھەيۋەتلىك تارىخى ۋە مول نەتىجىسى يەكۈنلەنگەن بولۇپ، يېڭى دەۋردە ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئۇ، ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت نۇرى پارلاپ تۇرغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزمنى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

    ئىككىنچى، 21 – ئەسىر ماركسىزمىنى ياخشى ئۆگىنىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمى، 21 – ئەسىر ماركسىزمى بولۇپ، مول ۋە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە، ئۆگەنگەنسېرى يېڭىلىنىدۇ، قۇدرەتلىك ھەقىقەت كۈچى، ئىدىيە كۈچى، ئەمەلىيەت كۈچىگە ئىگە. چوڭقۇر ئۆگىنىپ، سىجىل ئۆگىنىپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، بىر ئۆمۈر ئۆگىنىپ، قېنىمىزغا سىڭدۈرۈۋېتىشىمىز، روھىمىزغا سىڭدۈرۈۋېتىشىمىز، ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ھەقىقىي چۈشىنىپ، ھەقىقىي ئىشىنىپ، ھەقىقىي ئىشلىتىپ، قەلبىمىزدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇشىمىز، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدۇرۇشىمىز، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

    ئۈچىنچى، كوممۇنىستلارنىڭ غايە – ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ماركسىزم ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنىڭ ئاڭلىق مۇستەھكەم ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداشنى باشتىن – ئاخىر ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە، دەپ بىلىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

    تۆتىنچى، ئاساسىي ماھارەتنى پۇختا ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. ماركسىزمنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى توغرىسىدىكى ئىدىيەسى، خەلق مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدىكى ئىدىيەسى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئىدىيەسى، خەلق دېموكراتىيەسى توغرىسىدىكى ئىدىيەسى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىدىيەسى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى ئىدىيەسى، ئادەم بىلەن تەبىئەت مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئىدىيەسى، دۇنيا تارىخى توغرىسىدىكى ئىدىيەسى، ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە قۇرۇش توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ماركسىزم كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، ماركسىزم قائىدىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، توغرا كەيپىياتنى ساقلاپ، ئىدىيەنى تاۋلاپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ماركسىزم ئارقىلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

    بەشىنچى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل، قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي ئېغىشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، كادىرلار ئىستىلىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى، ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك.

    ئالتىنچى، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى مەركەزلىك كۆرۈشكە قاتناشتى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلار ۋە ئامما يىغىننى مەركەزلىك ئاڭلىدى ۋە كۆردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى