تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

بالىلارنىڭ كومپىيۇتېر ئۆگىنىشتىكى مۇۋاپىق يېشى قايسى؟

ماتېرىيال سۈرەت

     تۆت ياشتىن سەككىز ياشقىچە بولغان دەۋر بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى تەرەققىي قىلىدىغان، ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتىكى بالىلار بىلەن ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان، جەمئىيەتكە ماسلىشىشتىكى تۈرلۈك ئىقتىدارى ئۆسىدىغان مۇھىم باسقۇچ. ئەگەر ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنى كومپىيۇتېر ئۆگىنىپ، «كىچىكىدىن باشلاپ زامانىۋى ئادەم بولۇش»قا مەجبۇرلىسا، ئۇلارنى بەك بالدۇر «سوغۇق» ماشىنا بىلەن سۆزلىشىشكە، ئۇنى بىلىشكە قىستىسا، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىك جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ناچار تەسىر پەيدا قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش تەس. ئۇنىڭدىن باشقا، كومپىيۇتېر دەرىجىسى ئۆسۈپ تۇرىدىغان مەھسۇلاتلارغا تەۋە بولۇپ، ئىككى، ئۈچ يىلدا بىر تىپى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بەش- يەتتە يىلدا بىر قېتىملىق يېڭى بۆسۈش بولىدۇ. شۇڭا، كىچىك بالىلار كومپىيۇتېر ئۆگەنسە، بۇنىڭ ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئوقۇشىغا نىسبەتەن پايدىسىنىڭ بەك زور بولۇشى ناتايىن.

ماتېرىيال سۈرەت

     بالىلار بەشىنچى، ئالتىنچى يىللىقتىكى ۋاقتىدا كومپىيۇتېر ئۆگەنسە بىر قەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇ چاغدا بالىلاردا بەلگىلىك دەرىجىدە بىلىم توپلانغان، ئۆزىگە خاس مىجەز- خاراكتېر ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كومپىيۇتېر ئۆگەنسە بەك زور زېھنىي كۈچمۇ تەلەپ قىلمايدۇ. جىسمانىي ۋە پىسخىك جەھەتتىكى تەرەققىياتىغىمۇ تەسىر يەتمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەقىل – پاراسىتىنى ئېچىشقا ناھايىتى پايدىلىق بولىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

«بالىلار ساغلاملىق دەستۇرى » ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش سورۇنلىرى تىجارەت باشلىدى
  • چاغانتوقاي ناھىيەسىدە چارۋىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلدى
  • جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى