ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىر 2018-يىل 4-ئاينىڭ 30-كۈنى قومۇل ئېۋىرغول رايونى جىجياۋجىن بازىرى لياۋدۇن كەنتىنىڭ شىمالىغا 30 نەچچە كېلومېتىر كېلىدىغان جايدا دېڭىز يولىنى ـــ چۆللۈكتىكى بىر قاتار يارداڭ يەر شەكلى توپىنى سۈرەتكە تارتتى.
دېڭىز يولى، تاغ-دالالارنى كېزىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ جاينىڭ گېئولوگىيەلىك يەر شەكلىگە ئاساسەن قويغان ئىسىمى. تىك ۋە ئېگىز يارلار ئىچىدىكى قەدىمىي دەريا يولىدا بەزىدە پەسىل خاراكتېرلىك كەلكۈن كېلىدۇ، بۇ دېڭىز يولى دېگەن ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ بىرى بولۇپ، كەلكۈندىن قالغان ئىزلار چۆلدىكى ھاياتلىقنىڭ ئىسپاتىدۇر. چاك-چاك يېرىلىپ قۇرۇپ كەتكەن دەريا يولىدىكى ئاپتاپتا قارىداپ كەتكەن شېغىللار كىشىلەرگە مۇھىتنىڭ ماھىيىتىنى شەرھلەپ بېرىدۇ.
قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان قۇم-شېغىللار ئارىسىغا غەلىتە تاش ۋە گۆھەرلەر يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ. بۇ جايدىن قېزىۋېلىنغان ئۇچار دىنازاۋۇر تاشقاتمىسى دۇنيانى ھاڭ-تاڭ قالدۇرسا، سىرلىق يەر شەكلى فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ جەمگاھىغا ئايلىنىپ، تۈركۈم-تۈركۈم ئېكسپېدىتسىيەچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزەلمىدى، مانا بۇ دېڭىز يولى چۆللىكىنىڭ ئۆزگىچە گۈزەللىك سىرىدۇر.
(ساۋ شىنجيا فوتوسى)