تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تىرىشىپ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان جۇڭگوچە داشۆ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  مائارىپ گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مائارىپ كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. ئالىي مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك.

   ‹‹سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇش››، ‹‹دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان جۇڭگوچە داشۆ قۇرۇپ چىقىش كېرەك››، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ داشۆسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىدە سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى شەرھلەپ، ‹‹ئۈچ تۈرلۈك ئۇللۇق خىزمەت››نى ياخشى تۇتۇش مۇھىم ۋەزىپىسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قانداق ئالىي مائارىپ قۇرۇش، ئالىي مائارىپنى قانداق قۇرۇشتىن ئىبارەت زور مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان جۇڭگوچە داشۆ قۇرۇپ چىقىشنى ئىدىيە يېتەكچىلىكى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

  دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن داشۆلەرنىڭ تەرەققىياتى بىر – بىرىنى تولۇقلايدۇ. ئالىي مائارىپ بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئالىي مائارىپ، ئىلىم – پەن بىلىملىرى ۋە مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى ئىلگىرىكى ھەرقانداق چاغدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ تەخىرسىز بولۇۋاتىدۇ. ئۆزگىچە تارىخ، ئۆزگىچە مەدەنىيەت، ئۆزگىچە دۆلەت ئەھۋالى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئالىي مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ قۇرۇپ چىقىشىمىزنى بەلگىلىگەن، شۇڭا، چوقۇم جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆزۈمىزنىڭ يولىدا مېڭىپ، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ داشۆ قۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  ‹‹دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىختىساسلىقلارغا باغلىق، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مەكتەپكە باغلىق››. سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ مائارىپ فاڭجېنى، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ ئورتاق بۇرچى. بۈگۈنكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىنىڭ ئالتۇن مەزگىلى ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن تامامەن ماس كېلىدۇ، ئىگىلىك تىكلەش سەھنىسى مىسلىسىز كەڭ، ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىستىقبالى مىسلىسىز پارلاق. ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجى، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلىشىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى.ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىگە ياخشى جاۋاب بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ، ‹‹ۋەتەننى سۆيۈش، ئىرادىلىك بولۇش، ھەقىقەتكە ئىنتىلىش، تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش››نى يېتەكچى قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ غايە چىرىغىنى ياندۇرۇپ، ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتۇپ، ۋەتەن ۋە خەلققە ئېھتىياجلىق تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرگەندىلا، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان جۇڭگوچە داشۆ قۇرۇپ چىققىلى، دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ.

   دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان جۇڭگوچە داشۆ قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىكى ئاچقۇچ شۇكى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپ بويىچە ‹‹ئۈچ تۈرلۈك ئۇللۇق خىزمەت››نى ياخشى تۇتۇش: مەكتەپ باشقۇرۇشتا توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزم نەزەرىيەسى تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قەتئىي بوشاشماي يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان جۇڭگوچە داشۆ قۇرۇپ چىقىش ئىشەنچىگە ئايلاندۇرۇش؛ يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، تەربىيەلىگۈچى ئاۋۋال ئۆزى تەربىيەلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاق، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنىڭ سىياسىي ساپاسى يۇقىرى، كەسپىي ئىقتىدارى كامالەتكە يەتكەن، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسى ئۈستۈن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە بولغان رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئارىلاشما پەنلەر توپى ۋە پەن – تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈچلۈك كوللېكتىپىنى زور كۈچ بىلەن تەشكىللەپ، خەلقئارا سەۋىيەدىكى زور بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى، پەن – تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى، ياش پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئۆز ئالاھىدىلىكىمىز ۋە ئەۋزەللىكىمىزنى سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرالايمىز.

    120 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن بېيجىڭ داشۆسى جۇڭگودىكى تۇنجى دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ئۇنىۋېرسال داشۆ. ۋېيمىڭخۇ كۆلى ساھىلىدە، بويا مۇنارى ئاستىدا باشتىن – ئاخىر ‹‹ۋەتەن، خەلق بىلەن تەقدىرداش بولۇپ، دەۋر ۋە جەمئىيەت بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش›› ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. يېڭى دەۋر، يېڭى كەيپىياتتا، شەرەپلىك ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، دەۋر بۇرچىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ‹‹ئۈچ تۈرلۈك ئۇللۇق خىزمەت››نى ياخشى تۇتساقلا، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان جۇڭگوچە داشۆ قۇرۇپ چىقىپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى ياخشى تەربىيەلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە يېڭى دەۋرنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى يارىتالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 3 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى