تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   دۆلەت ۋە مىللەت

ياپونىيەدىكى ماشىنا ئادەم مېھمانخانىسى تىجارەت باشلىدى

  يېقىندا، توكيودىكى بىر مېھمانخانا تىجارەت باشلاپلا نۇرغۇن كىشىنىڭ دىققتىنى تارتقان، قىزىقارلىقى شۇكى، بۇ مېھمانخانا ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانا بولماستىن، بەلكى كىشىلەر باھاسىنى قوبۇل قىلالايدىغان ئادەتتىكى مېھمانخانىلاردىن ئىدى، بىردىنبىر ئوخشىمايدىغان يېرى، يەنى كىشىلەرنى جەلپ قىلغان يېرى بۇنىڭ بىر ماشىنا ئادەم مېھمانخانىسى بولغانلىقىدا.

  بۇ «ئۆزگىچە مېھمانخانا» ناملىق ماشىنا ئادەم مېھمانخانىسى توكيونىڭ ئاۋات سودا رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، سىرتىدىن قارىغاندا « ئۆزگىچە مېھمانخانا »نىڭ ئادەتتىكى مېھمانخانىلار بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوقلۇقىنى بىلگىلى بولىدۇ، لېكىن مېھمانخانىنىڭ چوڭ زالىغا كىرگەندىن كېيىن، بۇ مېھمانخانىدا مۇلازىمەتچىنىڭ يوقلۇقىنى، پەقەت «بىر ئەر، بىر ئايال» ئىككى ماشىنا ئادەمنىڭ خېرىدارلارغا كۈلۈمسىرەپ سالام قىلىدىغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. خېرىدار ماشىنا ئادەمنىڭ ئالدىدىكى ئۈسكۈنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مەشغۇلات قىلسا، ئىككى مىنۇتتىلا كۆچۈپ كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولالايدۇ . ياپون تىلىدىن باشقا، خېرىدار يەنە خەنزۇ تىلى، ئىنگلىزتىلى ۋە كورىيەتىلى قاتارلىق تىللارنى تاللىيالايدۇ. ئەگەر خېرىدارنىڭ باشقا سوئالى بولسا، ئادەمسىمان ماشىنا ئادەمنىڭ يېنىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ماشىنا ئادىمى جاۋاب بېرىدىكەن . ئەگەر پىكىر ئالماشتۇرۇش ماشىنا ئادىمى ياردەم بېرەلمىسە، خېرىدارلار چاقىرىش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق خىزمەتچىنى چاقىرسا بولىدىكەن.

  « ئەمەلىيەتتە ئالدى سۇپىدىكى ئىككى ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم پەقەت كۈلۈمسىرەش، كۆز قىسىش ۋە بېشىنى بۇراشنىلا قىلالايدۇ، بۇ ئىككى ماشىنا ئادەم بولمىغان تەقدىردىمۇ، خېرىدارلار كۆچۈپ كىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ، ئالدى سۇپىىغا ئىككى ماشىنا ئادەمنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت، مېھمانخانىغا كەلگەن خېرىدارلارغا ئېتىبارسىز تۇيغۇ بەرمەسلىك ئۈچۈن» دېدى مەزكۇر مېھمانخانىنىڭ خىزمەتچىلىرى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا.

  ئىگىلىنىشىچە، «ئۆزگىچە مېھمانخانا» ياپونىيەدىكى تۇنجى ماشىنا ئادەم مېھمانخانىسى ئەمەس ئىكەن. 2015 -يىلى «ئۆزگىچە مېھمانخانا»نىڭ شىركىتى ناگاساكى ناھىيەسىگە جايلاشقان خوۋس دېن بۇرگ باغچىسى ئىچىگە تۇنجى ماشىنا ئادەم مېھمانخانىسىنى تەسىس قىلغان، ئىككىنچى يىلى، بۇ مېھمانخانا تۇنجى «ماشىنا ئادەمنى خىزمەتچى ئورنىدا ياللاپ ئىشلەتكەن» مېھمانخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، جىننېس دۇنيا رېكورتى قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى ئېگىز تاغ يايلىقى باش يازنى كۈتۈۋالدى
  • گۈزەل نارات يايلىقى
  • «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى