تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

بالىلاردا چوقۇم ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى يېتىلدۈرۈش لازىم

 

ماتېرىيال سۈرەت

    بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئۆزىگە ئىشىنىش ئىنتايىن مۇھىم. ئەمەلىيەت ئىسپاتلايدۇكى، بىر ئادەم شۇنداق ئەقىللىق بولسىمۇ، ئەگەر ئۇنىڭدا ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچ يېتەرلىك بولمىسا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى مۇمكىن ئەمەس.

ماتېرىيال سۈرەت

    بالىلار ئەقلىي كۈچ ۋە قابىلىيەت جەھەتتە مۇكەممەل بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن، بۇ جەھەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى كەمچىل بولغاچقا، بۇ مۇمكىن ئەمەس ئىشتەك تۇيۇلىدۇ. پەقەت ئىشەنچ بولسىلا، مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق. پەقەت باسقۇچمۇ باسقۇچ  ياخشى قىلغاندىلا، ئاندىن ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى ياخشى تۇرغۇزغىلى بولىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئاتا- ئانىلار ئەگەر بالىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەم قىلالىسا، بالىلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئاتا- ئانىلار بالىلاردىن يۇقىرىراق ئۈمىد كۈتسە، لېكىن دائىم بالىلارنىڭ قىلغانلىرىنى خاتا دەپ ئەيىبلىسە، ھەتتا زاڭلىق قىلسا، ئۇنداقتا بالىلاردا ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى تىكلىگىلى بولمايدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئەگەر ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى ئەقىلسىز دەپ قارىسا بالىلاردا بىر خىل مۇقىم بولمىغان خاھىش شەكىللىنىپ، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى كەمچىل بولىدۇ. بۇ ئەھۋال بالىلارنىڭ ئىش – ھەرىكەت ۋە بىلىش سەزگۈسى جەريانىدىكى تىرىشچانلىقىنى چەكلەپ قويىدۇ. ئۇلاردا ئاسانلا ئىككىلىنىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. ئۆزىنى بۇ جەھەتتە چوقۇم مەغلۇپ بولىمەن، دەپ ئويلايدۇ. شۇڭا مەغلۇپ بولۇشتىن ئىبارەت بۇ تەقدىر ئۇلارنى ئاللىقاچان كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

«بالىلار ساغلاملىق دەستۇرى » دىن ئېلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى