تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەركەز كارخانىلىرى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن شىزاڭ، چىڭخەي ۋە شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلاردىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن شىزاڭ، چىڭخەي ۋە شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار جۇڭگو ئىختىساسلىقلار تورى (www.newjobs.com.cn) غا چىقىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىغا قاراپ خىزمەت ئىزدىسە بولىدۇ. بۇ، 7-نۆۋەتلىك مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن شىزاڭ، چىڭخەي، شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى مەخسۇس خىزمەتكە قوبۇل قىلىش پائالىيىتى بولۇپ، 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

  خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى شىزاڭ، چىڭخەي، شىنجاڭ قاتارلىق جايلار ھەمدە سىچۈەن، يۈننەن ۋە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ زاڭزۇلار رايونىدىكى 2018-يىلى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار (ئوقۇش تەۋەلىكى يەرلىكتە ۋە مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن نوپۇسى شۇ يەردە بولغان ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى ئاساس قىلىدۇ. مەخسۇس خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدە توردا قوبۇل قىلىش ئاساس قىلىنىدۇ. ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، مائارىپ، دۆلەت بايلىقى قاتارلىق تارماقلار ۋە مەركەز كارخانىلىرى مۇۋاپىق پەيتتە كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى