خەلق تورى خەۋىرى. جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى «1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق ئارام ئېلىش مەزگىلىدىكى سودا سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى. 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، بانكا بىرلەشمە تورى سودا ئومۇمىي سوممىسى 681 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى «1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق ئارام ئېلىش مەزگىلىدىكىدىن %33 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، كۈندىلىك مال سېتىۋېلىش ۋە قاتناش تۈرىدىكى سودا مىقدارىنىڭ ئېشىشى ئەڭ كۆپ بولدى، بانكا بىرلەشمىسىنىڭ ئىككىلىك كود ئارقىلىق سودا قىلىشى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا ئالتە ھەسسىگە يېقىن كۆپەيدى.
جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىزچىسى چىن خەن مۇنداق دېدى : «1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق ئارام ئېلىش يەنىلا پۇقرالارنىڭ مال سېتىۋېلىش ئىستېمالىنىڭ جانلىنىش مەزگىلى. بۇ يىل «1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق ئارام ئېلىش مەزگىلىدە كۈندىلىك مال سېتىۋېلىش ئىستېمال نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، سودا سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60تىن كۆپ ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە تاللا بازىرى تۈرىدىكى ئىستېمال يەنە ئاساسىي قوشۇن بولۇپ، %80كە يېقىننى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %67 ئاشتى، رايون جەھەتتىن قارىغاندا، بېيجىڭ، چۇڭچىڭ ۋە گەنسۇ ئېشىش ئەڭ تېز بولغان رايونلار بولۇپ قالدى.