تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   دۆلەت ۋە مىللەت

ئەنگلىيەدىكى گۈل ئېتىزىدا 25 مىليون تۈپ كۈركۈم گۈلى ئېچىلدى

   يېقىندا، ئەنگلىيە نورفولك ۋىلايىتى جىنسىلىن بازىرىدىكى بىر گۈل ئېتىزىدا 25 مىليون تۈپ كۈركۈم گۈلى بىرلا  ۋاقىتتا ئېچىلدى، ھەر خىل رەڭدىكى گۈللەر ئۆز گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ، ئاجايىپ گۈزەل، ھەقىقىي «گۈل دېڭىزى»نى ھاسىل قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، گۈل ئېتىزىنىڭ خوجايىنى پېتېر ۋارد 17 يېشىدىن باشلاپ بۇ يەردە ئىشلىگەن، ھازىرغا قەدەر 20 يىل خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كۈركۈم گۈلى توزۇش ئالدىدا، چوقۇم گۈلنى غولىدىن كېسىۋېلىش كېرەك ئىكەن، بۇنداق قىلغاندا، گۈل غولىدا ئۇزۇقلۇق ماددىسى ساقلىنىپ قېلىپ، كېلەر يىلقى گۈللەر تېخىمۇ ياخشى ئېچىلىدىكەن.  ئىگىلىنىشىچە، پېتىر ۋارد ھەر يىلى گۈل بازىرىنى 25 مىليون تۈپ كۈركۈم گۈلى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، ھازىر بۇ گۈل ئېتىزىدا 37 خىل كۈركۈم گۈلى پەرۋىش قىلىنىۋاتقان بولۇپ، كېلەر يىلى يەنە يېڭى سورتلار كىرگۈزۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى ئېگىز تاغ يايلىقى باش يازنى كۈتۈۋالدى
  • گۈزەل نارات يايلىقى
  • «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى