جۇڭگو تۆمۈر يولى 2-ئىدارىسى 6-شىركىتى جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولى 2-خىزمەت رايونىنىڭ باشلىقى شۈ جۇ(سولدىن بىرىنچى) 5-ئاينىڭ 2-كۈنى لائوس پايتەختى ۋيېنتياندىكى قۇرۇلۇش مەيدانىدا خىزمەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولى جۇڭگو بىلەن لائوسنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم ئۇل ئەسلىھە، ئۇنىڭ ئومۇمىي لىنىيە مۇساپىسى 414 كىلومېتىر، قۇرۇلۇش مۇددىتى بەش يىل بولۇپ، 2016-يىلى 12-ئايدا پۈتۈن لىنىيەدە ئىش باشلانغان. بۇ يىل «4-ماي» ياشلار بايرىمى ھارپىسىدا، جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولىدىكى بىر تۈركۈم ياش تۆھپىكارلار ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۆزىنىڭ ياشلىق كۈچىنى قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا بېغىشلىماقتا.