تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ئۇچۇرلىرى

بورتالا ئوبلاستى ياۋا توشقان زەدىكىنى ئوغرىلىقچە كولاش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بەردى

  5-ئاينىڭ 1-كۈنى، بورتالا موڭغۇل ئوبلاستىدىكى ئېبنۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى باشقۇرۇپ قوغداش پونكىتىدا ساقچى قولغا چۈشۈرگەن ياۋا توشقان زەردىكىنى رەتلىمەكتە.

  ئۆز خەۋىمىز: كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ مەزگىل ياۋا توشقان زەدىكىنىڭ ياخشى ئۆسىدىغان پەسلى، شۇنداقلا قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئوغرىلىقچە ياۋا توشقان زەدىكىنى كولايدىغان «بېسىق مەزگىلى».  ئېبنۇر كۆلى سۇلۇ يەر دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسى، بورتالا ئوبلاستلىق ئورمان ساقچى ئىدارىسى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئوغرىلىقچە كولاش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، دۆلەت دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونى مۇھىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قانۇنسىز يىغىش قىلمىشىغا قارىتا بىرلىكتە 40 كۈنلۈك قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سۇلۇ يەر مۇھىتىنى قوغدىدى.

  توشقان زەدىكى ئادەتتە قۇملۇقتا ئۆسىدىغان دەل-دەرەخ سۆكسۆكى، يۇلغۇننىڭ يىلتىزىدىكى پارازىت ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئاساسلىقى شىنجاڭ، چىڭخەي قاتارلىق قۇياش نۇرى كۈچلۈك، قاتتىق قۇرغاقچىلىق، ئۈنۈمسىز تۇپراقلىق قۇملۇقلاردا ئۆسىدۇ، دۆلەت دەرىجىلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈككە تەۋە . ئۇنىڭ يەنە «قۇملۇق ئادەمگىياھى» دېگەن نامىمۇ بار . توشقان زەردىكى ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەتلىك جۇڭيى دورا ماتېرىيالى بولۇپ، دۆلەت بويىچە 2-دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون بويىچە 1-دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈكتۇر.

(تەكلىپلىك مۇخبىرى شېن جېجۈن فوتوسى)

 

 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى