تەڭرىتاغ تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، دىققەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى1 – يىغىنى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە جۇڭگو ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئىنستىتۇتى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى تولۇق كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرىغا يازغان جاۋاب خېتى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 5 – ئاينىڭ 2 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى 1 – يىغىنى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە جۇڭگو ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئىنستىتۇتى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى تولۇق كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرىغا يازغان جاۋاب خېتىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى 1 – يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تۈپ مىزانغا ئىگە قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك. ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈش كېرەك، دۆلەت خەۋپسىزلىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە، خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك، 18 – قۇرۇلتايدىن بۇيان، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى تولۇق كۆرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە، ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچ، ئىستراتېگىيەلىك سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خاتىرجەم شارائىتتا خەۋپ – خەتەرنى ئويلاپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ئاساسىي پىرىنسىپنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى، سىياسىي بىخەتەرلىك، دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى ھەممىدىن ئۈستۈن بولۇشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئالدىنى ئېلىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ ھەم خەتەرنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك. دىققەتنى باشتىن – ئاخىر باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك ياخشى تەدبىر، ياخشى مېخانىزمنى پۇختىلاپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ دائىملىشىشى، ئۇزاق ئۈنۈم بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، مەركىزىي كومىتېت دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە دائىر فاڭجېن، سىياسەتلەرنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىدار – ماھارەتنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى ھەم ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزنى ئىدىيەۋى يېتەكچى ۋە تۈپ قوللانمىغا ئىگە قىلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى تۇتقا، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق دېگەن قاراشنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى يېتەكچى قىلغان باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ يۇقىرى›› تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى چەكلەپ، ئېنېرگىيە بايلىقى، قېزىلما بايلىقنى ئېچىشنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹بىر قوللۇق›› تەستىقلاش تۈزۈمى ۋە مۇھىت قوغداشتا ‹‹بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش›› تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن بىر بولقا بىر بولقىدىن قېقىپ، توختىماي ئىلگىرىلەپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، پۇختا ئۈنۈم يارىتىپ، پىلان خەرىتىسىنى ئاخىرغىچە سىزىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ‹‹1 – ماي›› خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئىنستىتۇتى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى تولۇق كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرىغا يازغان جاۋاب خېتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەمگەكچىلەرگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەر بىر كادىر، ئاممىنى يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەش قىلغۇچىلىرىدىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى يەنىمۇ مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. ئەمگەكنى قەدىرلەپ، ئەمگەك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ قەدىرلىك، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل بولۇشنى ئومۇمىي ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، ئۇلارنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش قىزغىن ئەمەلىيىتىگە ئاتلاندۇرۇش كېرەك. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى ھۆرمەت قىلىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش، سەمىمىي ئەمگەك قىلىش، ئىجادىي ئەمگەك قىلىش قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا، ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىش، جان پىدالىق بىلەن تىرىشىش، جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇشنى يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، مائارىپ ئارقىلىق تەربىيەلەش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، بارلىق ئەمگەكچىلەرنىڭ يېڭى بىلىم ئۆگىنىشى، يېڭى تېخنىكا ئىگىلىشى، يېڭى ماھارەت ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىپ، ئىدىيە – ئەخلاق ساپاسى ۋە پەن – مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

  يىغىنغا شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى