تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

ئاتا- ئانىلارنىڭ باھاسى بالىلارنىڭ ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار  ئاتا – ئانىلارنىڭ پوزىتسىيەسى بالىلارنىڭ ئىش –ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى، ئۇ ھەرگىزمۇ بالىلارنىڭ ئەقلىي كۈچ ۋە قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىيات سەۋەبى ئەمەس دەپ قارايدۇ. بەزى ئاتا – ئانىلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىغا بەرگەن باھاسىنى ناھايىتى ئادىل دەپ قارايدۇ.

    بىزنىڭ سورايدىغىنىمىز: ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئاۋۋالمۇ؟ ياكى بالىلارنىڭ ئىش ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسى ئاۋۋالمۇ؟

ماتېرىيال سۈرەت

    بۇ ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ مۇرەككەپ. ئاتا- ئانىلارنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە بالىلارنىڭ ئىش –ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسى ئۆز ئارا سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتىدۇر، ئاتا –ئانىلارنىڭ بالىلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىي كۈچى ۋە قابىلىيىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    مۇبادا بالىسى راستتىنلا ناچارراق بولغان تەقدىردىمۇ، ئاتا- ئانىسى بالىسىغا ياخشى پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەك. شۇنداقلا بالىغا ئىجابىي باھانى كۆپرەك بېرىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا بالىسىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى تىكلەشكە ياردەم قىلغىلى ھەمدە بالىنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ ئەمەلىيەتكە قاتنىشىشىغا ياردەم قىلغىلى بولىشى مۇمكىن. ئەكىسچە ئاتا – ئانىلارنىڭ پاسسىپ پوزىتسىيەسى ۋە ناچار باھاسى بالىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ. بالىلار تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆز نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. نەتىجىدە بالىلارنىڭ ئەقلىي كۈچى ۋە قابىلىيىتى تەبىئىي ھالدا ناچارلىشىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئاتا- ئانىلار بالىلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ ئىجابىي باھا بەرسە بالىلار چوقۇم ئاتا- ئانىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە تىرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى مۇمكىن.

ماتېرىيال سۈرەت

      ئەگەر ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا پاسسىپ، شۇنداقلا سەلبىي باھا بەرسە بالىلار ئاتا – ئانىلىرىنىڭ ئارزۇسىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى تېخىمۇ تەس بولىدۇ.  ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئۆگىنىشىنىڭ ئالغا بېسىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى بالىلارنىڭ باشقا جەھەتتىكى ئىقتىدارى ۋە نورمال ئادىمىيلىك تەرەققىياتىغىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: بالىلارنىڭ جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارى، ئۆزىگە خوجا بولۇش ئىقتىدارى، كىشىلىك ئالاقە ئىقتىدارى، مۇستەقىللىق ئىقتىدارى قاتارلىقلار تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    كىشىلىك ھايات مۇساپىسىدە بۇ قابىلىيەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي پاكىتلار ئىسپاتلىدىكى، بىر ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۆگىنىش نەتىجىسى شۇنداق ياخشى بولسىمۇ، جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارى ناچار بولسا، باشقىلار بىلەن نورمال ئالاقە ئېلىپ بارالمايدۇ. ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي مۇھىتقا قانداق ماسلىشىشنى، شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلەلمەيدۇ. يېڭى بىر خىزمەت مۇھىتىغا چىققاندا، ئۇزاق مۇددەتتىن كېيىن ئاندىن ئاستا- ئاستا ماسلىشىپ كېتەلەيدۇ. بۇنداق كىشىلەر دائىم كىشىلىك مۇناسىۋەتتە مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ. دائىم باشقىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ زىددىيەتلىشىپ يۈرىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    بىر كىشىنىڭ بالىلىق مەزگىلى ئۇنىڭ بۇ قابىلىيەتلىرىنىڭ يېتىلىشىگە  ئاساس سالىدۇ. ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى بالىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى قابىلىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە زور رول ئوينايدۇ. ئەگەر ئاتا- ئانىلار بالىلارنى باشقا بالىلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا، ھەر خىل كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئىلھام بەرسە، بالىلاردا كۈچلۈك ئالاقە ئىقتىدارى يېتىلىپ چىقىدۇ، ئەگەر ئاتا-ئانىلار مەقسەتلىك ھالدا بالىلىرىنى ئوڭۇشسىزلىق ۋە قىيىنچىلىق ئىچىدە چېنىقتۇرسا بالىنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسى كۈچىيىدۇ. ئەگەر ئاتا- ئانىلار بالىلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىن قورقسا ئۇلارنى قوغدايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىلار جاپا – مۇشەققەتتىن قورقىدىغان، سىرتقى دۇنيا بىلەن ئارىلاشمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    بالىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ئاتا- ئانىلار ئۇلارغا ياردەم بېرىشى كېرەكمۇ؟ ئىلھام بېرىشى كېرەكمۇ ياكى مەسخىرە قىلىشى كېرەكمۇ؟ زاڭلىق قىلىشى كېرەكمۇ ياكى بالىلارنىڭ قىيىنچىلىقىغا سەل قاراپ، ھەتتا بالىلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشى كېرەكمۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلارغا مۇئامىلە قىلىشىدىكى ھالقىلىق مەسىلە. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلارغا بولغان پاسسىپ، ناچار پوزىتسىيەسى بالىلارنىڭ ئىش – ھەرىكىتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا بولغان ئاكتىپ، ياخشى پوزىتسىيەسى بالىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    شۇڭلاشقا ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا تۇتقان ياخشى پوزىتسىيەسى بالىلارنىڭ جەمئىيەتكە نىسبەتەن توغرا بولغان باھا ۋە تونۇشنى تىكلىشىگە ياردەم قىلىدۇ. ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى تىكلەيدۇ ھەمدە ئۆزىگە خوجايىن بولۇش ئىقتىدارى، مۇستەقىللىق ئىقتىدارى ۋە باشقا ئىجتىمائىي قابىلىيەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھايات مۇساپىسىنى ياخشى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.

«بالىلار ساغلاملىق دەستۇرى » دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى