تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كەنت قىياپىتىنى يېڭىلاپ، گۈزەل كەنت بەرپا قىلىش دېھقانلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇردى ئەبەيدۇللا خەۋىرى، فوتوسى: خېجىڭ ناھىيەسى خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ بارۇن خارمودۇن بازىرى چاغانتوڭگۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارنىڭ كەنتتىكى دېھقانلارغا تەكلىپ بېرىشى بىلەن كەنتتىكى دېھقانلار خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ئىككى كومىتېتىنىڭ كونا ئۆيلەرنى چېقىپ، كەنت قىياپىتىنى يېڭىلاش، گۈزەل كەنت بەرپا قىلىش چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى. ئورنىغا يەر تەۋرەشكە چىداملىق، يورۇق، ئازادە، سۇ، توك، مۇنچا قاتارلىق ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان يېڭى ئۆيلەر سېلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن مەيدان ئۇسسۇلى مەدەنىيەت ئەترىتى قۇرۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى بېيىتىلدى؛ 30 نەچچە مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ  ئىچىملىك سۇ تۇرۇبىسى رېمۇنت قىلىنىپ، ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەش تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىندى؛ ھەقسىز كۆكتات مايسىسى، چۈجە قاتارلىقلار تارقىتىپ بېرىلىپ، دېھقانلارنىڭ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىلدى؛ كەنت تاشيولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە مەنزىرە دەرەخلىرى تىكىلىپ، كەنت يوللىرى يېشىللىققا پۈركەندى؛ ئەخلەت ساندۇقلىرى قاتار  قويۇلۇپ، مۇھىت ياخشىلاندى.

    خېجىڭ ناھىيەلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ بارۇن خارمودۇن بازىرى چاغانتوڭگۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، كەنت قىياپىتىنى تۈزەش، يەرلەرنى رەتلەش، ھويلا-ئاران ئىگىلىگىنى  يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەيمىز، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىلىرىنى كېڭەيتىپ، ئائىلە ئىگىلىگىنى راۋاجلاندۇرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى