تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ليۇجىڭ يۈجياڭ دەرياسى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكىدە قاتناش باشلاندى

5-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاپتوموبىللار ليۇجىڭ يۈجياڭ دەرياسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىن ئۆتمەكتە.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: ليۇجۇ-نەننىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش بويىچە مۇھىم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى بولغان ليۇجىڭ يۈجياڭ دەرياسى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكىدە 5-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي قاتناش باشلاندى. ليۇجىڭ يۈجياڭ دەرياسى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1127 مېتىر، كۆۋرۈك يۈزىنىڭ كەڭلىكى 35 مېتىر كېلىدۇ، يەككە يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىللىق يولى بولۇپ، قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، نەننىڭدىن ليۇجۇغا قاتنايدىغان ئاپتوموبىللار ليۇجىڭ يۇجياڭ دەرياسى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكىدىن ماڭسا، ليۇجۇدىن نەننىڭ تەرەپكە قاتنايدىغان ئاپتوموبىلار ئەسلىدىكى ليۇجىڭ چوڭ كۆۋرۈكىدىن ماڭسا بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ليۇجۇ-نەننىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ليۇجىڭ بۆلىكىدە قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىللىق يول ھازىرلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى