تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئەمگەك ئارقىلىق يېڭى دەۋرىمىزنى يارىتايلى

  ــــ ‹‹1–ماي›› خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن

  ‹‹ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ قەدىرلىك، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل››. ئەمگەك قەدىرلىنىۋاتقان، ئەمگەكچىلەر مەدھىيەلىنىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، بىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە بارلىق ئەمگەكچىلەرگە بايراملىق سەمىمىي سالام يوللايمىز!

  ‹‹خەلقنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشى تىرىشىپ ئەمگەك قىلىشتىن كېلىدۇ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلغاندىلا تۇرمۇشنىڭ غېمى تۈگەيدۇ››. ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش روھىغا ئىگە جۇڭگو خەلقى باشتىن – ئاخىر كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىپ، بوشاشماي ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ كەلدى. بۇ يىل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، بۇ ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، تۆۋەنكى شياۋگاڭ كەنتى ئاھالىلىرى مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگە كۆتۈرە بېرىشتە بارماق ئىزىنى قالدۇردى، ‹‹ئۈچ كۈندە بىر قەۋەت بىنا قوپۇرۇش››تەك شېنجېن سۈرئىتى خاتىرىلەندى، مىليونلىغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يېشىل رەڭلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش ھالىتى سۈرەتلەندى، پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز نامەلۇم ساھەلەرگە يۈرۈش قىلىپ ئىزدىنىش سەھىپىسى پۈتۈلدى. بىز ھازىر ئىگە بولغان ھەممە نەرسىگە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەقىل – پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن، ئەمگەكچىلەرنىڭ جاپالىق قان – تەرى سىڭگەن، ئەمگەكچىلەرنىڭ قۇربان بېرىش، تۆھپە قوشۇش روھى يۇغۇرۇلغان. تويۇنۇش – كىيىنىشتىن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكىچە، بېكىنمىچىلىكتىن ئېچىۋېتىشكىچە، ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ سەكرەشنى كۈتۈۋېلىش جەريانىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش ئەمگەكچىلەردىن كەلگەن، ئەڭ يۇقىرى نەتىجە ئەمگەكچىلەرگە مەنسۇپ، ئەڭ گۈزەل ئارزۇ ئەمگەكچىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مىليونلىغان ئەمگەكچى ئامما ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يۈكسەك شان – شەرىپىگە ئورتاق مۇيەسسەر بولدى.

  زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ، يەلكەننى چىقىرىپ يىراق سەپەرگە ئاتلاندۇق. بۈگۈن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، يېڭى مۇساپە ئاياغ ئاستىمىزدا باشلاندى، ئەمگەكنىڭ مەنىۋى قىممىتىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمگەكنى كۈيلەيدىغان دەۋر مارشىنى ياڭرىتىپ، جان تىكىپ ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش، كۈرەش ئارقىلىق كەلگۈسىنى يارىتىش كېرەك.

   ئەمگەك ئارقىلىق يېڭى دەۋر يارىتىپ، ئۆزگىرىش داۋامىدا ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش... پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا كەلگۈسى جۇڭگونىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلدى، بۇ ئۇلۇغۋار پىلان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا چوقۇم رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەمگەكچى ئامما ئىسلاھاتنىڭ ھىمايىچىسى، قاتناشقۇچىسى، ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، مەنپەئەتلەنگۈچىسى، بايراق روشەن ھالدا ئىسلاھاتنى قوللاپ، ئىسلاھاتقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلانغاندىلا، بۆسۈشكە، سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلىش جاسارىتىنى داۋاملىق ئۇرغۇتۇپ، ئۆزىنى يېڭىلاش ئەقىل – پاراسىتىنى قوزغىتىپ، مەن قىلمىسام كىم قىلىدۇ، دەيدىغان مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغاندىلا، ئەمگەك ياراتقان بۈيۈك كۈچنى تارقاتقىلى، ئارزۇ كېمىسىنى يېڭى دەۋردە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىتىپ، ئارزۇ قىرغىقىغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ.

    ئەمگەك ئارقىلىق يېڭى دەۋرنى يارىتىپ، كۈرەش قىلىش جەريانىدا گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلايلى. دۇنيادا تەييارغا ھەييار بولىدىغان ياخشى ئىش يوق، ئۈجمە پىش ئاغزىمغا چۈش دېگەن بىلەن ھەرگىز چۈشمەيدۇ، تىرىشىپ كۈرەش قىلغاندىلا، ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئائىلە ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەمگەك بولمىسا ماددىي بايلىق جۇغلانمايدۇ، تۇرمۇش شارائىتىنىمۇ ياخشىلىغىلى بولمايدۇ؛ شەخس ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەمگەك مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى يارىتىپلا قالماي، يەنە قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقنىمۇ مۇجەسسەملەيدۇ. يېڭى دەۋردىكى ئەمگەكچىلەر پەقەت ئۆگەنسىلا، بېرىلىپ ئىشلىسىلا، قېتىرقىنىپ ئىزدەنسىلا، ھەقىقىي قابىلىيەت يېتىلدۈرەلەيدۇ، ياخشى تېخنىكا ئىگىلىيەلەيدۇ، شۇنداق بولغاندىلا كىشىلىك ھايات سەھنىسىدە چاقنىيالايدۇ، ئەمگەك جەريانىدا بىپايان زېمىننى بايقىيالايدۇ، ئەمگەك جەريانىدا قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرەلەيدۇ، ئۆز خىسلىتىنى نامايان قىلالايدۇ، خۇشاللىق تاپالايدۇ.

  ئەمگەك ئارقىلىق يېڭى دەۋرنى يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا گۈزەل كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرەيلى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت لۇغەتتە ئەزەلدىن ‹‹ئاسان›› دېگەن سۆز بولغان ئەمەس. ئىسلاھات قىيىن باسقۇچقا قەدەم قويدى، قانداق قىلغاندا ئىسكەنجىدىن قۇتۇلۇپ، تۇراقلىشىپ قالغان مەنپەئەت چىتلىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ ‹‹دۇنياۋىلىشىشقا قارشى›› ئىدىيە ئېقىمى ئەۋج ئېلىپ، سودا قورۇقچىلىقى باش كۆتۈرۈپ چىقتى، قانداق قىلغاندا ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟ ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىنقىلابىنىڭ دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، قانداق قىلغاندا تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ مۇشۇ پەيتتە، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئەمگەكنى، ئىجادىي ئەمگەكنى تېخىمۇ تەشەببۇس قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنى ئىلغار تېخنىكا ئۆگىنىپ، يۇقىرى ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، بىلىم تىپىدىكى، تېخنىكا تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئەمگەكچىلەر قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ‹‹جۇڭگو ياسىمىچىلىقى››، جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىشەنچ ۋە ھاياتىي كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

  ئەمگەكچىلەرنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش، شان – شەرەپكە ئېرىشتۈرۈش ئەمگەكنىڭ ئىجادكارلىق رولىنى قوزغىتىشتىكى مۇقەررەر يول. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ‹‹ئەمگەكچىلەرنىڭ قەدىر – قىممىتى بىلەن ئەمگەك قىلىشى، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك›› دەپ تەكىتلىگەن. ئۆتكەن بىر يىلدا، ‹‹يېڭى دەۋردىكى سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھات لايىھەسى›› يىرىك پىلانىدىن ‹‹تېخنىك ئىشچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر››گىچە ئەمگەكچىلەر تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى، قەدىر – قىممىتى تېخىمۇ ئاشتى. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى ۋە ھۈنەرۋەنلىك روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمگەك ھېسسىياتى ۋە ئەمگەك پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەمگەك شەرەپلىك، بىلىم قەدىرلىك، ئىختىساسلىقلار ئەزىز، ئىجاد قىلىش ئۇلۇغ، دەيدىغان كەيپىياتنى ياراتساقلا، بارلىق ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، بارلىق ئەۋزەللىكتىن تولۇق پايدىلىنىپ، مىليونلىغان خەلق ئەمگەك ئارقىلىق يارىتىشتەك قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىيەلەيمىز.

  جۇڭگو ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرايلى، ئەمگەكچىلەرنى كۈيلەيلى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ، ئۇلۇغۋار مەنزىلدىكى نىشانغا ئاتلاندۇق. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ۋە ھارماي – تالماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يېڭى دەۋرنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ، مىللىي گۈللىنىشنىڭ جاراڭلىق ناخشىسىنى ياڭرىتايلى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 30 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى