تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋردىكى لاياقەتلىك كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولايلى

  ــــ «1- ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

   «يېڭى دەۋر كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ دەۋرى»، «1- ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى ھارپىسىدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق ئەمگەكچىلەرنىڭ بايرىمىنى چىن دىلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز!

  ئاپتونوم رايون 4- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «1- ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش ۋە تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك «1- ماي» ئەمگەك تەقدىرنامىسىگە ئېرىشكەن ئۈچ ئورۇن، مەملىكەتلىك «1- ماي» ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكەن 16 شەخس، مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئاۋانگارتى شەرىپىگە ئېرىشكەن 22 كوللېكتىپ قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسىلەرنى تەقدىرلىدى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، جاسارەتلىك، ياراملىق بولۇپ، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا چاقىردى. بۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەكچىلەرگە بولغان ھۆرمىتى ۋە غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ شەرەپلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، ئەمگەك قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇش، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىگە زور مەدەت، ئىلھام بولدى.

  «قۇرۇق گەپ سېتىش بىلەن دۆلەت زىيانغا ئۇچرايدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش بىلەن دۆلەت روناق تاپىدۇ»، «ئىرادىلىك كىشىلەر كۈرەش قىلىشتىن ئۆكۈنمەيدۇ»، «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ»... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەمگەكچىلەرگە ئارقا- ئارقىدىن مەدەت بېرىشى، يېڭىلىق ياراتقۇچىلارغا ئالقىش ياڭرىتىشى، قۇرغۇچىلارغا ئاپىرىن ئېيتىشى بىلەن، كۈرەش قىلىش جۇڭگونىڭ زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ ئىلگىرىلىشىدىكى ئاساسىي مېلودىيەگە ئايلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، نۇرغۇن ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ۋەزىپە ئېغىر بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بىرىنچى سېپىدىن تارتىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلايدىغان «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى نەق مەيدانىغىچە؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىن «ئۈچ چوڭ جەڭ»نىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشكىچە؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكىچە... ھەممىلا يەردە كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ سىماسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بىز دەل ئەمگەككە تايىنىپ خۇشاللىنارلىق نەتىجە ۋە ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلالىدۇق؛ ئەمگەككە تايىنىپ كەلگۈسىنى پىلانلاش ئىشەنچىمىز ۋە غەيرىتىمىز تېخىمۇ ئاشتى.

  «يېڭى دەۋر ھەر بىر كىشىگە مەنسۇپ، ھەر بىر كىشى يېڭى دەۋرنىڭ گۇۋاھچىسى، ئىجادچىسى ۋە قۇرغۇچىسى. سەمىمىي ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلغاندىلا، ھەر قانداق كۈچ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ!» ـــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەنتەنىلىك سۆزلىرى ھەر بىر كىشىگە مەدەت بەرمەكتە. بۇ بىزگە جەمئىيەتنىڭ قانچىلىك تەرەققىي قىلىشىدىن، دەۋرنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، سوتسىيالىستىك دۆلەتتىكى بارلىق ئەمگەكچىنىڭ خوجايىنلىق ئورنىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. مۇشۇ نۇقتىدىن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئەلرايىنىڭ مۇجەسسەملىنىشىگە نەزەر سالساق، ئاۋامنىڭ ئورتاق قاتنىشىشى، ئورتاق كۈچ چىقىرىشى تېخىمۇ زۆرۈر بولماقتا. بىز ھەر بىرەيلەن شىنجاڭ چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى ۋە خوجايىنى، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، جەزمەن خوجايىنلىق روھنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى لاياقەتلىك كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك. بۇ بىزدىن جاھاننى لەرزىگە سالىدىغان داغدۇغىلىق ئىشلارنى قىلىشنى تەلەپ قىلمايدۇ، بەلكى ئاددىي ئىش ئورنىدا جان- دىلىمىز بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، قانچىلىك ئىقتىدارىمىز بولسا، شۇنچىلىك جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، خىزمەتنى پۇختا، ئەمەلىي ئىشلىسەكلا، ئوخشاشلا گۈزەل شىنجاڭنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بولالايمىز، ھۆرمەتلىنىشكە تېگىشلىك ئەمگەكچىلەردىن، يېڭى دەۋردىكى لاياقەتلىك كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولالايمىز. مەسىلەن، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۆزى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىق؛ ئامالنىڭ بارىچە مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، پاك بولۇپ قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ ئۆزى جان- دىل بىلەن خەلققە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىق؛ پائال ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۆزى پەن- تېخنىكا ئارقىلىق خەلققە بەخت يارىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىق؛ ئەلنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىپ تىجارەت قىلىشنىڭ ئۆزى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىق؛ ئىككى قولىغا تايىنىپ تىرىشىپ ئىشلەشنىڭ ئۆزى گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىق... مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئەمگەكچىنىڭ «مىسقالچە كۈرەش»ىنى ئومۇمىي خەلقنىڭ «ھەيۋەتلىك كۈرەش»ىگە مۇجەسسەملىگەندىلا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

  بەخت ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، ئارزۇ ئۆزلۈكىدىن ئىشقا ئاشمايدۇ. جۇڭگو ئارزۇسى ئەزەلدىن كۈرەش قىلىش ئارزۇسى، تىرىشىش ئارزۇسى، تېخىمۇ مۇھىمى ئەمگەكچى خەلقنىڭ قەدىر- قىممىتىنى يارىتىش ئارزۇسى. ھەممەيلەن بىرلىكتە جاپالىق ئەمگىكىمىز ئارقىلىق گۈزەل كېلەچىكىمىزنى يارىتايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.