تەڭرىتاغ تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ماركسىزملىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 5- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ چاۋشيەندە زور قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 4- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 5- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر چاۋشيەندە زور قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ئانالىز قىلغان، مۇھاكىمە قىلغاندا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئۇنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار، ئورۇنلار ئىدىيەنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، GDPغىلا ئېسىلىۋېلىشنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلاپ، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى ياخشى قىلىپ، ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، يوشۇرۇن قەرزنى پائال ۋە مۇۋاپىق تۈگىتىپ، سىستېمىلىق خەۋپ- خەتەر يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلىشى؛ تېگى- تەكتى، يولى، مەسئۇلىيىتى، مەبلىغى ئېنىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى؛ قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەكنى قاتتىق ساقلاپ، تىرىشپ ئاسمىنى كۆك، تېغى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. ئۈچ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى يارىتىپ، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشى كېرەك. تۈزۈلمە- مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ماس كېلىدىغان كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى، سىياسەت سىستېمىسى، ئۆلچەم سىستېمىسى، ئىستاتىستىكا سىستېمىسى، نەتىجە- ئۈنۈمنى باھالاش، سىياسىي نەتىجىنى باھالاش چارىسى ئورنىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ياخشى يۆنىلىش شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە ئۇنى چەكلەۋاتقان قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرنى نىشانلاپ، ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىشنى تېزلىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى جانلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يىلتىز تارتقۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، خەلقنىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇستەھكەملەپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيەنىڭ ئېھتىياجى بىلەن خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاش- ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە- خەلق، ساقچى- خەلق، چېگرا ئاھالىلىرى بىرلەشمە مۇداپىئەلىنىشنى يولغا قويۇپ، خەلق مۇداپىئەسى، ماددىي مۇداپىئە، تېخنىكىلىق مۇداپىئەنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، پۇختا، مۇستەھكەم چېگرا مۇداپىئەسى ئارقىلىق چېگرا رايوننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇدرەتلىك، مۇستەھكەم، زامانىۋىلاشقان چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى قۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقى، «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 170 يىللىقىنى خاتىرىلەش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنى باشلاپ، «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» ۋە ئۇنىڭ دەۋر ئەھمىيىتىنى چۆرىدەپ، 5- قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلغانلىقى ناھايىتى مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە، چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدە «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نىڭ ماركسىزمدىكى مۇھىم ئورنى، دۇنيا سوتسىيالىزمىغا كۆرسەتكەن چوڭقۇر تەسىرى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرگەنلىكىدەك ئۇلۇغ ئىجادىيىتى چوڭقۇر بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ماركسىزم ھەقىقىتىنىڭ شانلىق نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ماركسىزم ھەقىقىتىنىڭ كۈچىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈشىمىز كېرەك. غايە- ئېتىقادنى، ماركسىزملىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى كۈچەيتىپ، كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسىنى، 21- ئەسىر ماركسىزمىنى، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، قائىدىنى چۈشىنىپ، ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ھەقىقىي ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئىشىنىپ، ھەقىقىي ئىشلىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى ھەقىقىي قوراللاندۇرۇشىمىز، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. يادرونى قەتئىي قوغداپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى باشتىن- ئاخىر قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز كېرەك. خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنى باشتىن- ئاخىر قەلب تۆرىگە قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ ياخشىلاپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەر ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان بولۇش، ئاجىزلار يار- يۆلەككە ئېرىشەلەيدىغان بولۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى، ساپلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچى ۋە قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقىنى مەڭگۈ ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ چاۋشيەندە زور قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ھادىسىدىن كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە «1- ماي» بايرىمى مەزگىلىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كۆڭلىگە پۈكىدىغان خەلقچىل ھېسسىياتىنى تولۇق نامايان قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، سىستېما قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇن- نىزاملىرى ۋە ئۆلچەم- قائىدىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تۈزۈم، تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق كارخانا، نۇقتىلىق ئورۇنلاردىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى چالا قويماي تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، تۈرلۈك خەۋپ، مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى بىخ ھالىتىدە تۈگىتىپ، «1- ماي» بايرىمىلىق نۆۋەتچىلىك ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىشىمىز، ئالدىنى ئېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك. مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى، مەسئۇل تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ دەريا باشلىقى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا ئالاقىدار ھۆججەتلەر قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى