تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

ئىمتىھان نومۇرىنى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم قىلىشقا بولامدۇ؟

ماتېرىيال سۈرەت

    بالىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ياخشى بولسا، ئاتا-ئانىلار تەبىئىي ھالدا خۇشال بولىدۇ. ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمىسە، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى: «بۇ نېمە قىلغىنىڭ، نەتىجەڭ نېمانچە تۆۋەن، باشقىلار قانچە نومۇر ئاپتۇ؟» دەپ ئەيىبلەيدۇ. «ئىمتىھان ھەممىگە قادىر» بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ كاللىسىدا ئىمتىھان نەتىجىسى ياخشى بولسىلا بولدى، دېگەن بىر كۆز قاراش بار. ئۇلار ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئۆلچەيدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم قىلىۋالغان. دۇرۇس، ئىمتىھان ئېلىش ئۆگىنىش نەتىجىسىنى تەكشۈرىدىغان بىر خىل ۋاسىتە، ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ياخشىلىقى ئۆگىنىشنىڭ ياخشىلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. لېكىن، پۈتۈنلەي ئۇنداقمۇ ئەمەس.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئالدى بىلەن شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ئىمتىھان ئارقىلىق ئۆگىنىشنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىنى ئەمەس، پەقەتلا ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىمىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. ئىمتىھان ئېلىش چەكلىك ۋاقىت، بەلگىلەنگەن مەسىلە دائىرىسىدىلا ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا، ئىمتىھان نەتىجىسىگە قاراشتا، ئىمتىھان ئېلىنمىغان تەرەپلەرنىمۇ ئويلىشىش كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بالىلار ئىمتىھان ئېلىنغان مەزمۇنلارنى بىلگىنى بىلەن، ئىمتىھان ئېلىنمىغان مەزمۇنلارنى بىلىشى ناتايىن. ئۇنىڭدىن قالسا، ئىمتىھان سوئاللىرىنىڭ تۈرى مەسىلىسى بار. بەزى سوئاللار ئاددىي تاللاش خاراكتېرلىك، بەزى سوئاللار ئۇنىۋېرسال بايان خاراكتېرلىك بولۇپ، بۇ ئىمتىھاننىڭ سەۋىيەسى جەھەتتىنمۇ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەر قېتىملىق ئىمتىھان سوئاللىرىنىڭ قىيىن-ئوڭايلىق دەرىجىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، ئالغان نومۇرىنىڭ ئوخشاشلىقىغا قاراپلا، ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ ئوخشاش دەپ قاراشقا بولمايدۇ، يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرقايسى پەنلەردە ئىگىلىگەن بىلىمى، ئۇلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىمۇ تامامەن ئوخشاپ كەتمەيدۇ. پەقەت قارىغۇلارچە يادلاشنىلا بىلىدىغان بالىلارنىڭ نەتىجىسى تۆۋەنكى يىللىقلاردىكى چېغىدا ئېھتىمال ياخشى بولۇشى مۇمكىن، كاللىسىنى ئىشلىتىپ پىكىر قىلىشقا ماھىر، تەپەككۇر ئىقتىدارى كۈچلۈك بالىلار بولسا، يۇقىرىقى يىللىقلارغا چىققاندا باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    بۇنىڭدىن ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئۆلچەيدىغان بىردىنبىر ئۆلچەمنىڭ پەقەت ئىمتىھان نەتىجىسىلا ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. پەقەت نومۇر ئۈچۈنلا ئۆگىنىش ئاخىرقى نىشاننى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش پىرىنسىپى ئۆلۈك ھالدا ئىمتىھان نومۇرىغا ئېسىلىۋېلىش بولماستىن، بالىنىڭ مېڭىسىنى ئىشلىتىپ پىكىر قىلىش ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. ئەگەر بىر مەكتەپ ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىمتىھان مەشقىگىلا قاراتقان بولسا، بۇنداق قىلىشنىڭ زىيىنى بولسا باركى، پايدىسى يوق.

ماتېرىيال سۈرەت

«بالىلار ساغلاملىق دەستۇرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى