تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

بېيجىڭ شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كۆزدىن كەچۈرۈشكە كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئۇدۇللاشتۇردى

  چېن چۈەنگو، سەي چى، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن پائالىيەتكە قاتناشتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو 4 – ئاينىڭ 26 – كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سەي چىغا ھەمراھ بولۇپ، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ يېڭىيەر يېزىسى قۇميايلاق كەنتىگە كېلىپ، نامرات ئاھالە مەمەت ئابدۇللا قۇربان ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.
 سۈي جىجيەن فوتوسى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، 4 – ئاينىڭ 25 – كۈنىدىن 26 – كۈنىگىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سەي چى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كۆزدىن كەچۈرۈشكە كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئۇدۇللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن پائالىيەتكە قاتناشتى.

  بېيجىڭ شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدىكى مەزگىلىدە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسى قىرقاش كەنتى قوي – كالىلارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش بازىسى، ‹‹باۋيۈەن›› ئېلېكتىرونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ھەمراھ زاۋۇتى، خوتەن شەھىرى ‹‹جىڭخې›› توقۇمىچىلىق پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، بېيجىڭ سانائەت رايونى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ يېڭىيەر يېزىسى قۇميايلاق كەنتى، بېيجىڭ ئوتتۇرا مەكتىپى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئىناقلىق يېڭى كەنتى، بىڭتۈەن 14 – شىسىنىڭ 47 – تۈەنى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، نامرات ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەم بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنى يوقلىدى.

  بېيجىڭ شەھىرى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 4 – ئاينىڭ 26 – كۈنى چۈشتىن كېيىن خوتەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا كۆزدىن كەچۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنى كۈچەپ قوللىغانلىقىغا ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تۈپ مىزان قىلىپ پايتەختنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك ئىشلاردا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز بېيجىڭ شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىم شىنجاڭغا كۆزدىن كەچۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى پۇرسەت بىلىپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرىمىز.

  چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹شىنجاڭغا ئىلمىي، ئومۇميۈزلۈك، سەمىمىي ياردەم بېرىش›› ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، خوتەن ۋىلايىتى ۋە بىڭتۈەن 14 – شىسىنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى، بىز بۇنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايمىز. ئاپتونوم رايوندىكى ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئېتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى كۈچەپ قوغداپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دىنلارنىڭ ئېجىل – ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى قوللاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى نىشانىغا ئۆز قەرەلىدە يېتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىپ، بېيجىڭ خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىگە جاۋاب قايتۇرىمىز.

  سەي چى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئېنېرگىيە بايلىقى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرى، بىخەتەرلىك كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە بېيجىڭنى كۈچەپ قوللىغانلىقى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. سەي چى مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم بىخەتەرلىك توسۇقى، شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يۈكسەكلىكىدە، چېگرا رايوننى ياخشى قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمىزنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پايتەختنىڭ ئۆلچىمى بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز.

  سەي چى مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلاردىكى ئاممىنىڭ ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. بىرىنچى، كۈچنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئىككىدە غەم قىلماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش، بىردە يېقىنلىشىش››تىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مەبلەغ، تۈر، كادىر، ئىختىساسلىقلار، سىياسەت، تەدبىر قاتارلىقلارنىڭ نامرات كەنت، نامرات ئاھالىگە مايىللىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككىنچى، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ تۈرلۈك يول، تۈرلۈك شەكىل بىلەن مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جاينىڭ قان ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، شىنجاڭغا ئەقلىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۇتۇپ قالغىلى بولىدىغان، كېتىپ قالمايدىغان ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، ساغلاملىق كاپالىتى تورىنى زىچ توقۇپ، ‹‹كېسەل مەنبەسى››نىڭ ‹‹نامراتلىق مەنبەسى››گە ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بەشىنچى، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاش كېرەك. ئالتىنچى، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى قاتنىشىشقا ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە مەدەت بېرىپ، يەرلىكنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يولىنى ئېچىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. يەتتىنچى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سەككىزىنچى، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جاينىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى ۋە مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىغا پائال ياردەم بېرىش كېرەك. سەي چى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پايتەختنىڭ ئۆلچىمى بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىغا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

  سۈن جىنلۇڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەپ قوللىغانلىقى، خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. سۈن جىنلۇڭ مۇنداق دېدى: بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە بىڭتۈەننىڭ ئورنىغا قويغان تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىدىن يەنىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ‹‹ئۈچ چوڭ فۇنكسىيە››نى ياخشى ئادا قىلىپ، ‹‹تۆت چوڭ رول››نى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ چوڭ، يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىمىز.

  بېيجىڭ شەھىرى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن جاڭ گۇڭ، جاڭ يەنكۇن، ۋېي شياۋدۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ليۇ جيەنشىن، لى شىنمىڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.