تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئەر-خوتۇن ئايرىلىپ تۇرغاندىمۇ قارشى تەرەپنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ

    ئەر-خوتۇن ھېسسىيات ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك ئايرىلىپ تۇرغان بولسا، مەسىلەن، جېدەللىشىپ قالغاندىن كېيىن، ئايال ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرغاندا، ئەر قايتۇرۇپ كېلىشنى خالىمىسا، خوتۇنىنىڭ سىرتتا تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە يول قويۇشى مۇمكىن، ئەمما تەرەپلەر ئايرىلىپ تۇرغاندىمۇ قارشى تەرەپنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

   قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىر-بىرىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار، شۇنداقلا بېقىش ئۇسۇلى مۇنداق ئىككى تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرى، ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈپ بېقىش، يەنى بېقىلغۇچى ۋە بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغۇچى بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ؛ يەنە بىرى، قەرەللىك بېقىش پۇلى ياكى نەرسە-كېرەك بېرىپ بېقىش، بۇ قەرەللىك ھالدا ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش، روھىي جەھەتتىن تەسەللىي بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.

   دېمەك، بىر تەرەپ بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلسا، بېقىشقا ئېھتىياجلىق تەرەپ قارشى تەرەپتىن بېقىش ھەققى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، شۇنداقلا ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئايرىلىپ تۇرۇشى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى كەچۈرۈم قىلىشنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ.

   كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئەر-خوتۇنلار تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقاندىمۇ يەنىلا قانۇنلۇق ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىگە ئىگە، ئۆيلىنىش قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا ئەر-خوتۇنلار ئايرىلىپ تۇرغاندا، ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنىشتىن ئىلگىرى يەنىلا بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. بېقىش ھەققى بېرىشكە تېگىشلىك تەرەپ بېقىش ھەققى بېرىشنى رەت قىلسا، بېقىشقا ئېھتىياجلىق تەرەپ دەۋا قىلىش ئارقىلىق بېقىش ھەققىگە ئېرىشسە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئايرىلىپ تۇرغاندىن كېيىن، بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، تاشلىۋېتىش جىنايىتى شەكىللىنىپ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى مۇمكىن.

                                                                                                                                                                                                                     «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى