تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تور، ئۇچۇر ئىشلىرىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرايلى

  ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (5)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  تور، ئۇچۇر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ــــ توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش ناھايىتى مۇھىم.

  ‹‹پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تور، ئۇچۇر خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، تور، ئۇچۇر ئىشلىرىنىڭ باشتىن – ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.›› مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، تور، ئۇچۇر ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى بىر قاتار نىشانلىق، ئومۇمىيلىققا ئىگە، تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيەنىڭ تور، ئۇچۇر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشكە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشتا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى تور، ئۇچۇر خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە، كۆپ ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تور، ئۇچۇر ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنىڭ توغرا يېتەكچىلىكىنىڭ بولغانلىقىدا. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسى پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ ئىلمىي نەتىجىسىدۇر. تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىدە ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرغاندىلا، باشتىن – ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيمىز.

  توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تور، ئۇچۇر خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، تور، ئۇچۇر خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىگە قويۇپ پىلانلاپ، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتكەندىلا، تور، ئۇچۇر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. بۇ قېتىم پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى كومىتېتقا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، تەدبىر بەلگىلەش ۋە بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھالقىلىق مەسىلە، مۇرەككەپ مەسىلە، قىيىن مەسىلىلەردە باش رىتىمنى بەلگىلەش، قارار چىقىرىش، ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەلىپىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئالاقە تورى تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تورى قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش ئىقتىدارى، تور جامائەت پىكرىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى، تور بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئالاقە تورى ئارقىلىق ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى يېتەكلەش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، پارتىيەنىڭ تور، ئۇچۇر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى تېخىمۇ دەل جايىدا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرەلەيمىز.

  توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشتا، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان كادىر ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئالاقە تورىنى باشقۇرۇش سىياسىيلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بىر تۈرلۈك خىزمەت بولۇپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش تور، ئۇچۇر تارماقلىرىغا قويۇلىدىغان بىرىنچى تەلەپ. تور، ئۇچۇر قوشۇنىدىكىلەر ‹‹تۆت ئاڭ››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى؛ سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، تورنى چۈشىنىش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولۇشنى مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، ياخشى كادىرلارنى ھەقىقىي تاللاپ، ئىشلىتىپ، تور، ئۇچۇر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇستەھكەم تەشكىلىي كاپالەت ۋە قوشۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تور، ئۇچۇر ساھەسى تېخنىكا، يېڭىلىق يارىتىش كۆجۈملەشكەن ساھە بولۇپ، چوقۇم جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە يىغىپ ئىشلىتىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجادىي ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، ئەقىل – پاراسىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

   ھازىر دۇنيادا بىر مەيدان كۆپ تەرەپلىك ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتى قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ. تور تەرەققىياتىغا ماسلىشىش – ماسلىشالماسلىق ۋە يېتەكچىلىك قىلىش – قىلالماسلىق، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ گۈللىنىشى ياكى زاۋاللىققا يۈزلىنىشىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچقا ئايلاندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تور، ئۇچۇر خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، تور، ئۇچۇر ئىشلىرىنىڭ باشتىن – ئاخىر توغرا يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغاندىلا، بىز چوقۇم خەلقئارا رىقابەتتە يېڭى ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۇلۇغۋار ئارزۇسىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 25 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى