ماتېرىيال سۈرەت
بىرىنچى، بۆلجۈرگەننى يۇيۇشتىن بۇرۇن ساپىقىنى ئېلىۋەتمەڭ، بولمىسا بۆلجۈرگەن يۈزىدىكى دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇقلىرى مېۋە ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ.
ماتېرىيال سۈرەت
ئىككىنچى، بۆلجۈرگەننى تۇرۇبا سۈيىدە ئېقىتىپ يۇيۇڭ، سۇغا چىلاپ قويۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا دېھقانچىلىق دورىلىرى بۆلجۈرگەنگە سىڭىۋالىدۇ.
ماتېرىيال سۈرەت
ئۈچىنچى، بۆلجۈرگەننى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن گۈرۈچ سۈيىگە ياكى تۇز سۈيىگە بەش مىنۇت چىلاپ قويۇڭ، گۈرۈچ سۈيى ئىشقارلىق بولغاچقا، بۆلجۈرگەن يۈزىدىكى دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇقلىرىنى تازىلايدۇ، تۇز سۈيى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ سېڭىش بېسىمىنى ئۆزگەرتىپ، بەلگىلىك باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولىنى ئۆتەيدۇ.
گەرچە بەلگىلىك دەرىجىدىكى يۇيۇش، شۆپىكىنى سويۇش، قورۇش دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇقلىرىنى %60-%30 كىچە ئازايتسىمۇ، ئەمما دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ خەۋپىدىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى يەنىلا ئورگانىك ئۇسۇلدا يېتىشتۈرۈلگەن يېمەكلىكلەرنى ييېيىشتۇر.
ماتېرىيال سۈرەت