تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بەرەڭگى بىلەن ھەسەلنىڭ شىپالىق رولى

  كىشىلەر يازدا سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئامراق. ئەمما كىشىلەرنىڭ تەن ساپاسى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئاشقازان بىلەن ئۈچەينىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە سوغۇق مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ ئاشقازىنى ئىسسىق مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ ئاشقازىنىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئوڭاي زەخىملىنىدۇ.

  جۇڭگو تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پىروفېسسورى ياڭ لى ‹‹ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى›› مۇخبىرىغا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يازدا بەرەڭگىگە ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىق ئاشقازان – ئۈچەي كېسىلىگە شىپا قىلىدۇ. خام بەرەڭگىنى بەدەنگە سۈرگەندە ياللۇغ، ئىششىق قايتۇرىدۇ؛ بەرەڭگىنى پىشۇرۇپ يېگەندە بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدۇ. ھەسەل ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ؛ ئۆپكىنى سىلىقلاپ، يۆتەلنى توختىتىدۇ. قەۋزىيەت ۋە ئاشقازان يارىسىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. بەرەڭگىگە ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

  ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان بەرەڭگى ياخشىسى يېڭى بولۇشى، بىخلانمىغان بولۇشى، كۈندە ئەتىگەن – كەچتە بىر قېتىمدىن ئىستېمال قىلىش كېرەك. بەرەڭگىنى بەك پىشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ، بەك پىشىپ كەتسە داۋالاش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇنداقلا بەك قاتتىق بولۇپ قالسىمۇ بولمايدۇ، قاتتىق بولۇپ قالسا ئاشقازان يارىسى بارلارغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. بىخلانغان بەرەڭگى تەركىبىدە سولانا مىقدارى كۆپ بولغاچقا، ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق. بەرەڭگىنى ئاچ قورساق ئىستېمال قىلسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئەمما مۇچ، ھاراققا ئوخشاش ئاچچىق، غىدىقلايدىغان يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. بەرەڭگى تەركىبىدە كىراخمال مول بولغاچقا، قاندىكى قەنت تەركىبى مۇقىم ئەمەس، ھەسەل ئىستېمال قىلسا بولمايدىغان كىشىلەر، مەسىلەن، دىيابېت كېسىلى بارلار ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ. ساغلام كىشىلەر مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە تال ۋە ئاشقازانغا پايدىلىق بولۇپ، كەيپىياتنى ياخشىلاپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ.

  ئادىل غوجالىم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى