تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

ئائىلىدە بالا مۇھىممۇ، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتمۇ؟

     ئائىلە سىستېمىسى پرىنسىپىدىن قارىغاندا، ئەر-ئايالنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇلارنىڭ بالا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىنمۇ مۇھىم. بالىنىڭ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىش-يېتىلەلمەسلىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىناقلىق دەرىجىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بالا ئانا ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئېرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە مەسىلە كۆرۈلسە، ئۇنىڭ ئانىلىق رولىنى ياخشى ئوينىيالىشىمۇ ناتايىن. شۇڭا بىر ئائىلىدە ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت %51 نى، بالا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت %49 نى ئىگىلىشى كېرەك. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ئىناق ۋە يېقىن مۇناسىۋەتنى باشتىن-ئاخىر ساقلاش كېرەك.

   ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن ئاياللارنىڭ بالا تۇغۇپلا ئېرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتكەنلىكىنى بايقايمىز. بەزى ئاياللار بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن بالىنى تۇرمۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخس ئورنىغا قويۇپ، ئېرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە سەل قارايدۇ، تەبىئىيلا، ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا ئالاقە ۋە غەمخورلۇق ئازلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن تالاش-تارتىش كۆپىيىدۇ-دە، بالا ئۆزىنى بارلىق ئۇرۇش-تالاشنىڭ سەۋەبچىسى، دەپ ئويلاپ، گۇناھكارلىق تۇيغۇسىغا پاتىدۇ، كېيىنچە ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش، ئۆزىگە ئىشىنەلمەسلىكتەك كەمچىلىكلەر شەكىللىنىدۇ.

   كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كۆپىنچە ئەر-ئايال توي خېتىدىن ئىبارەت بىر پارچە قەغەزگە بارلىق ئۈمىدىنى باغلايدۇ، ئۇلار بۇ قەغەزنى ئاجايىپ قۇدرەتكە ئىگە، ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى ئۆزلۈكىدىن ساقلايدۇ ۋە ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرماسلىق، ئورتاق قىزىقىشى بولماسلىق، ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىق كەمچىل بولۇشتەك مەسىلىلەرنىمۇ ھەل قىلىپ بېرىدۇ، دەپ ئويلايدۇ.

   ئەمما بۇ قەغەزنىڭ ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ ھېسسىي مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش جەھەتتە ئازراقمۇ ئەمەلىي رولى يوق. ئەر-ئايال ئىككىيلەن بۇ مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئۆزى كۈچ چىقارمىسا، بۇ نىكاھ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشى مۇمكىن.

   شۇڭا بىر ئائىلىدە ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بالا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىنمۇ مۇھىم. ئاتا-ئانا بالىنى بىرلىكتە بېقىپ چوڭ قىلىشى، كەلگۈسىدە ئۇنىڭ ئائىلىدىن ئايرىلىپ جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشى، ئۆزىنىڭ يېڭى ئائىلىسىنى قۇرۇشىغا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشى كېرەك. شۇ چاغدا بىر-بىرىگە يۆلەك بولىدىغانلار دەل ئەر ۋە ئايالدۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى