ماتېرىيال سۈرەت
كالتسىي تولۇقلاش دېگەن گەپ چىقسىلا نۇرغۇن ئادەمنىڭ كاللىسىغا تۇنجى بولۇپ كالتسىي تابلېتى يېيىش كېلىدۇ، ئەمەلىيەتتە يېمەكلىك ئارقىلىق كالتسىي تولۇقلىسىمۇ بولىدۇ، يېمەكلىكتىكى كالتسىينىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشى تېز بولۇپ، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئۈنۈم كۆرگىلى بولىدۇ. كالتسىي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىك سۈتلا ئەمەس، تۆۋەندە گۇاڭجۇ جۇڭيى تېبابىتى ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانا دورىشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل پىراۋىزورى خۇاڭ سۈيمىن بىزگە كالتسىي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى تونۇشتۇرىدۇ:
ماتېرىيال سۈرەت
سۈت ۋە سۈتتىن ياسالغان يېمەكلىكلەر. سۈت ۋە سۈتتىن ياسالغان تۈرلۈك يېمەكلىكلەرنىڭ «تەبىئىي كالتسىي ئامبىرى» دېگەن چىرايلىق نامى بولۇپ، كالتسىي مىقدارى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، بەدەنگە ئاسان قوبۇل قىلىنىدۇ.
پۇرچاق ۋە پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەر. 100 گىرام سېرىق پۇرچاق تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى 191 مىللىگىرامغا يېتىدۇ.
ماتېرىيال سۈرەت
يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار. بۇ خىل كۆكتاتلاردا، بولۇپمۇ قېنىق رەڭلىك كۆكتاتلار تەركىبىدە كالتسىي ئىنتايىن مول بولۇپلا قالماستىن، كالىي، ماگنىي، ۋىتامىن C مىقدارىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ماتېرىيال سۈرەت
سۇ مەھسۇلاتلىرى. بېلىق، راك، قىسقۇچپاقا، قۇلۇلە تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ كالتسىي تەركىبى ئىنتايىن مول.
ماتېرىيال سۈرەت
قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر. بولۇپمۇ ياغ مىقدارى يۇقىرى بولغان قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر كالتسىينىڭ ياخشى كېلىش مەنبەسى. 100 گىرام قورۇلغان تۈرلۈك قاتتىق پوستلىق مېۋە تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى 200-100 مىللىگىرامغا يېتىدۇ.
ماتېرىيال سۈرەت