قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرمەكتە.
ئۆز مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ، پىراكتىكانت ۋاڭ لۇياۋ خەۋىرى، فوتوسى. ئاپتونوم رايونلۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە 4-ئاينىڭ 24-كۈنى شىنجاڭ «خۇالىڭ» ئۇنىۋېرسال بازىرىدا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بازاردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى، پاتېنت ھوقۇقى قاتارلىقلارنى تەكشۈردى.
قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرى يەنە بازار باشقۇرۇش خادىملىرى ۋە سودىگەرلەرگە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنىڭ پاتېنت ھوقۇقى توغرىسىدىكى ئاساسىي ساۋاتلارنى چۈشەندۈرۈپ، پاتېنت بەلگىسىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش، پاتېنت ھوقۇقى بار مەھسۇلاتلارنىڭ قانۇن ھالىتىنى توردا قانداق تەكشۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلار توغرىسىدا يېتەكچىلىك قىلدى. سودىگەرلەرنىڭ مال كىرگۈزگەندە ساختا مەھسۇلاتلارنىڭ بازارغا كىرىشىنى مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىشىنى ئەسكەرتتى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى قانۇن باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شى سۇبو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەقسەت، بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدا سودىگەرلەرگە ئالاقىدار قانۇن ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، سەمىمىي، ساختا مال بولمىغان، قېلىپلاشقان بازار مۇھىتى بەرپا قىلىپ، سودىگەرلەرنىڭ ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىستېمالچىلار خاتىرجەم بولىدىغان مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىشىنى نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ھەرىكەت كېيىنكى قەدەمدىكى بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىشقا ئاساس سالىدۇ.