تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

پارتىيە ئەزاسىلىق مەسئۇلىيىتىمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مۇقىملىقنى قوغداش بۇرچۇمنى ئۇنتۇمايمەن

  قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك ئانا – بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى مۇجىك باھار

  خىزمەتكە قاتناشقان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، مەن پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، تەربىيەلىشى، يېتىشتۈرۈشىدە، كۈرەش نىشانىمنى توغرا تېپىپ، ئىلگىرىلەش كۈچۈمنى مۇجەسسەملەپ، ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلدىم، ئىلگىرىلىدىم. مەن پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى قەتئىي ئاڭلايمەن، پارتىيەگە قەتئىي ئەگىشىپ ماڭىمەن.

  پارتىيەنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا تۇرمۇشىمىزدا زور ئۆزگىرىش بولدى، يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، تۇرالغۇدىن تارتىپ مائارىپ، داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەرگىچە باشقا ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۇق، ھەر مىللەت ئامما پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەر ۋاقىت ھېس قىلدى. ئۇلۇغ، توغرا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى باشتىن – ئاخىر ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، بۇ بىزنىڭ تىنچ، بەختىيار تۇرمۇشىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى. نىشانغا يېتىش ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، مۇقىملىقنى قوغداش ھەر بىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى. بىز ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىمىزغا، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز.

  دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەرگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز، قوشنىلار ئېجىل – ئىناق، ئارىلىشىپ ئۆتىدىغان ئائىلە، مىللەت، جەمئىيەت مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  خىزمەت، تۇرمۇش جەريانىدا پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن ۋە ئۇلارنى يېتەكلەيمەن، ئۆز ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ زىيىنىنى ئېنىق سۆزلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىمەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمەن.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت بىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمەن. جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئاممىنىڭ كىچىك ئىشىنىمۇ ئۆزۈمنىڭ چوڭ ئىشى دەپ بىلىپ، ئىشنى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئاممىنى رازى قىلىدىغان ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، ئىناق – ئىتتىپاق، ئاۋات – باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى