تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

يۈرەككە زىيانلىق يەتتە خىل يېمەكلىكنى بىلىۋېلىڭ

ماتېرىيال سۈرەت

    يۈرەك كېسىلى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى مۇھىم سەۋەب، يېمەك-ئىچمەكتە يۈرەكنى زەخمىلەندۈرىدىغان يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇشنىڭ ساغلاملىققا چوڭ پايدىسى بار. ئامېرىكا «ياخۇ» تورى يۈرەككە زىيانلىق يېمەكلىكلەر تىزىملىكىنى تىزىپ چىققان، تۆۋەندە بۇ يېمەكلىكلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:

    بىرىنچى، ئاشخانىلارنىڭ شورپىسى. بىر قاچا شورپا تەركىبىدە 7980 مىللىگىرام ناترىي بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ناترىي قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە باراۋەر، بۇنداق شورپىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىچكەندە ئارتېرىيە توسۇلۇشى مۇمكىن. ئەگەر سىزنىڭ مەزىلىك شورپا ئىچكۈڭىز كەلسە، يەنىلا ئۆيدە قىلىپ ئىچىكىنىڭىز تۈزۈك.

    ئىككىنچى، پەمىدۇر قىيامى. يېرىم ئىستاكان پەمىدۇر قىيامىدا 830 مىللىگىرام ناترىي بار. ئەگەر سىز پەمىدۇر قىيامى يېمەكچى بولسىڭىز، چوقۇم يېمەكلىك تەركىبىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، ناترىي تەركىبى تۆۋەنلىرىنى تاللاپ يەڭ.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئۈچىنچى، قۇرۇتۇلغان كالا گۆشى. قۇرۇتۇلغان كالا گۆشىنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ياقتۇرۇپ يەيدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئاشلىق يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاقسىل مىقدارى ئىنتايىن مول، لېكىن ناترىي مىقدارىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. بۇ يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرى ۋە يۈرىكىنىڭ ساغلام بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلار ئۈچۈن  ياخشى ئەمەس.

ماتېرىيال سۈرەت

    تۆتىنچى، ماروژنى. قۇرامىغا يەتكەن ساغلام كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك خولېستېرىن مىقدارى 300 مىللىگىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بىر ئىستاكان ئەسلى تەم ماروژنى تەركىبىدە 130 مىللىگىرام خولېستېرىن بار، قايماق مىقدارى يۇقىرى بولغان باشقا ماروژنىلارنى دېمەيلا قويايلى، بۇنىڭغا گۆش تۈرىدىكىلەرنى قوشساق، ماروژنى يېگەندە خولېستېرىن ئاسانلا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    بەشىنچى، مايدا پىشۇرۇلغان توخۇ گۆشى. قاقلاپ پىشۇرۇلغان توخۇ تۆش گۆشى بىر خىل ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، ئەمما تېرىسىنى قوشۇپ مايدا پىشۇرغاندا ئوزۇقلۇق تەركىبىدە  ئۆزگىرىش بولىدۇ. بىر پارچە 113 گىرام ئېغىرلىقتىكى تېرىسى بىلەن قوشۇپ مايدىن ئۆتكۈزۈلگەن توخۇ تۆش گۆشى تەركىبىدىكى خولېستېرىن مىقدارى 11 پارچە تۆمۈر تەخسىلىك ئىسلانغان قوۋۇرغا گۆشىگە باراۋەر كېلىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئالتىنچى، مايدا پىشۇرۇلغان بەرەڭگە قەلەمچىسى. بۇ خىل بەرەڭگە تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كاربون سۇ بىرىكمىسى بولۇپ، بۇ قان شېكىرىنىڭ  نورمال سەۋىيەسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. مايدا پىشۇرۇلغان بەرەڭگە قەلەمچىسى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ياغ ۋە تۇز بولغاچقا، دائىم يېگەندە ئادەمنى سەمىرىتىۋېتىدۇ، يۈرەك ساغلاملىقىغا نىسبەتەن بۇ «ئۈچ تەرەپتىن قىستاپ ھۇجۇم قىلىش» ھېسابلىنىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    يەتتىنچى، سۈرلەنگەن گۆش ۋە قېزا. پىششىقلاپ ئىشلەنگەن نۇرغۇن گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەركىبىدە نىترىت كىسلاتا تۇزلىرى بار، بۇ خىل چىرىشتىن ساقلاش دورىسى ئادەم بەدىنىنىڭ قەنت بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. تېخىمۇ يامان بولغىنى، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ناترىي بولغاچقا، يۇقىرى قان بېسىمى خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەۋپ ئامىلى ھېسابلىنىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى