تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا – كەنتلىرىدىكى ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى

  ــــ ‹‹گۈزەل يېزا–كەنتلەرگە سەپەر ــــ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىدىن خاتىرە

  مۇخبىرىمىز دۇڭ لياڭ

  قاش دەرياسى بويىدىكى توغراقلارنى تاماشا قىلىش، كۇچا ۋاڭ ئوردىسىدا كۈسەن مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش؛ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنى زىيارەت قىلىپ مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش، نامرات كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش...

  ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كەلگەن ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى يۈ خەيياڭ 4 – ئاينىڭ بېشىدا شىنجاڭ خەلقئارا تەنتەربىيە ساياھەت كوپىراتىپى تەشكىللىگەن ‹‹گۈزەل يېزا – كەنتلەرگە سەپەر ــــ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى پائالىيىتىگە قاتناشتى. يۈ خەيياڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا – كەنتلىرىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىنى چۈشىنىپلا قالماي، يەنە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدۇق. بۇنداق ساياھەت نەزەر دائىرىمىزنى ئاچتى، ساياھىتىمىز ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى.

  شىنجاڭ خەلقئارا تەنتەربىيە ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ باش دىرېكتورى پەن جېنيۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ‹‹گۈزەل يېزا – كەنتلەرگە سەپەر ــــ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى پائالىيىتىگە جەمئىيەتتىكى ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارىدىن 40 نەچچە كىشى، 11 ئاپتوموبىل تەشكىللەندى. ئاپتوموبىل ئەترىتى 3 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، ئالتە كۈندە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىپ، مارالبېشى ناھىيەسىدىكى ئاناكۆل ساياھەت مەنزىرە رايونى، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى قۇتلۇق چوڭ جىلغىسى ۋە كۇچا ناھىيەسىدىكى كۇچا ۋاڭ ئوردىسىنى ساياھەت قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ئەترىتى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاناكۆل يېزىسى غولمەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىنى يوقلىدى ھەم شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  يىپەك يولىدىكى قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ مەنزىرىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش

  ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ئەترىتى 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنى مارالبېشى ناھىيەسىگە يېتىپ كەلگەندە، شۇ جايدىكى ئاناكۆل مەنزىرە رايونىدا 2018 – يىلى تۇنجى قېتىملىق ‹‹مەنزىرە رايونىنى ئېچىش›› مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۇۋاتقان بولۇپ، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى بۇ مەنزىرە رايونى بۇ يىل تۇنجى تۈركۈمدە كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەر بولۇپ قالدى.

  مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى تەقلىد قىلىپ ياسالغان ‹‹قەدىمكى سەپەر باي بەگلىكى›› شەھەر قوۋۇقى ئاستىدا، ‹‹تاڭ سىڭ ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئىبارەت تۆتەيلەن›› ۋە ‹‹قوشنا بەگلىكلەرنىڭ ئەلچى – ۋەزىرلىرى›› قاتارلىقلار ئىلگىرى – كېيىن ‹‹يول خېتى›› ئېلىپ شەھەرگە كىرىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر بار ئىدى. ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارلىرى ‹‹غەربكە ساياھەت›› شەكلىدىكى شەھەرگە كىرىش مۇراسىمىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ باقتى. مەنزىرە رايونىدا، ئېسىل دولان ناخشا – ئۇسسۇللىرى، ئوغلاق تارتىشىش ماھارىتى ۋە قاش دەرياسى ۋادىسىنى ئوراپ تۇرغان توغراقلىقلار ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارلىرىنى ناھايىتى جەلپ قىلدى.

  يۈ خەيياڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز دائىم قاتنىشىدىغان ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى پائالىيىتىنىڭ كۆپىنچىسى شىمالىي شىنجاڭدا قانات يايدۇرۇلاتتى. ھەممەيلەن ‹‹شىمالىي شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسىنى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئادىمىيىتىنى تاماشا قىلىش كېرەك›› دېيىشىدۇ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىپ ‹‹گۈزەل شىنجاڭ››غا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولدۇم.

  ئاناكۆل مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لياڭ باۋجۈن مۇنداق دېدى: بۇ مەنزىرە رايونى 2009 – يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان. ناھىيە 2013 – يىلىدىن بۇيان مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ مەنزىرە رايونىنى قايتىدىن پىلانلاپ بىرىكتۈردى، مەنزىرە رايونىنىڭ كۆلىمى 80 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، مەنزىرە رايونىنىڭ داڭقىنىڭ تەدرىجىي چىقىشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەتچىلىكى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى ھەم 2000 ئىش ئورنى بىلەن ۋاسىتىلىك تەمىنلىدى.

  لياڭ باۋجۈن مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى كۈچەپ قوللىدى. بىز بۇ خىل شەكىلدىكى ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى پائالىيىتىنى ناھايىتى قوللايمىز، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتىنى ئالقىشلاش

  ئاناركۆل مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاناكۆل يېزىسى غولمەھەللە كەنتىدىكى خىزمەت ئەترىتىنىڭ تۇرۇشلۇق جايىغا كېلىپ، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يى بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارى فېڭ گاڭ ئەترەت ئەزالىرىنىڭ شۇ جاينىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى قوغداش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قاتارلىق نۇرغۇن خىزمەتنى ئىشلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى تەسىرلەندى.

  تارباغاتايدىن كەلگەن يەككە تىجارەتچى فېڭ گاڭ مۇنداق دېدى: ئەترەت ئەزالىرىنىڭ كەسىپنى قەدىرلىشى ۋە قەتئىيلىكى بىزنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، بىزمۇ ‹‹شىنجاڭنى بىر تاختا شاھمات دېسەك، جەنۇبىي شىنجاڭ مۇشۇ شاھماتنىڭ كۆزى›› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇر چۈشەندۇق. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە فېڭ گاڭ خوتۇنى ۋە بالىسى بىلەن بىرلىكتە قاتناشقانىدى. ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن فېڭ جىن يولغا چىقىش ئالدىدا، ئۆزىنىڭ ئويۇنچۇقلىرى قاچىلانغان بىر سومكىنى ئېلىۋالغان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كىچىك دوستلار بىلەن خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئۈمىد قىلغانىدى.

  بىرتۇتاش پىلانلانغان، پاكىز، رەتلىك غولمەھەللە كەنتىنىڭ تۇتاش كەتكەن ‹‹ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش›› مەھەللىسىدە، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارلىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە غىزالىنىپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە ئۆگىنىش قىلدى ھەم ئۇلارغا ئىللىقلىق، مەدەنىيەت يەتكۈزدى. فېڭ جىنمۇ ئۆزى ئېلىپ كەلگەن ئويۇنچۇقلارنى كىچىك دوستلارغا سوۋغا قىلدى.

  چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارلىرى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت››ى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، 2017 – يىلى بۇ كەنتتە يېڭىدىن 149 يۈرۈش ‹‹ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش›› ئۆيى سېلىنىپ، سۇ، توك، يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يانداشتۇرۇپ تاماملانغانلىقىنى ئىگىلىدى. ليۇ يى مۇنداق دېدى: كەنتتە يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭىدىن قۇرۇلغان تۇتاش كەتكەن ‹‹ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش›› ئۆيى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر مەنزىرە بولۇپ قالدى، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، بۇ ئۇسۇل ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ مارالبېشى ناھىيەسى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدە كېڭەيتىلدى.

  ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارى خۇاڭ شياۋخۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى تەسىراتىمدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ ئوبرازى قەتئىي ئوخشىمىدى، كەنت قىياپىتى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىدە زور ئۆزگىرىش بوپتۇ.

  ‹‹ساياھەت + ئاممىۋى پاراۋانلىقى››دا مول نەتىجىگە ئېرىشىش

  ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ئەترىتىدىكىلەر قەشقەر ۋىلايىتىدىكى سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شىمالغا قايتىش سەپىرىدە يەنە ئونسۇ ناھىيەسىدىكى قۇتلۇق چوڭ جىلغىسى ۋە كۇچا ناھىيەسىدىكى كۇچا ۋاڭ ئوردىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارلىرى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختاشتى.

  فېڭ گاڭ مۇنداق دېدى: دوستۇمنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىن بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن خەۋەر تېپىپ، تارباغاتايدىن بالامنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ قاتنىشىشقا تىزىملاتتىم. ھەممەيلەن ‹‹جاھان كەزسە، بىلىمى كۆپىيىدۇ›› دېيىشىدۇ، بالامغا بىزنىڭ گۈزەل شىنجاڭنى كۆپرەك ئايلاندۇرۇپ، ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى كىچىك دوستلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشنى ئۆگىتىمەن، بۇ، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆپ پايدىلىق.

  يۈ خەيياڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى خەۋەر، ئۇرۇق – تۇغقان، دوستلاردىن ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئاڭلايتتۇق، بۇ، بىزگە نىسبەتەن ئىزچىل مۈجمەل ئۇقۇم بولۇپ كەلگەنىدى، بۇ قېتىمقى پائالىيەت بىزگە چوڭقۇر چۈشىنىش پۇرسىتى ئاتا قىلدى، بۇنداق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. مەن بۇ قېتىمقى سەپەردىكى نەتىجىلەرنى دوستلىرىمغا سۆزلەپ بېرىمەن، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ مۇشۇنداق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تاغقا چىقىش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دېڭ لېي مۇنداق قارىدى: ‹‹گۈزەل يېزا – كەنتلەرگە سەپەر ــــ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش پائالىيىتى››، ‹‹ساياھەت + ئاممىۋى پاراۋانلىقى›› شەكلى ئارقىلىق، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش››، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق يۆلەش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۈشىنىشكە تەشكىللەش ھەم بۇ خىزمەتلەرگە قاتناشتۇرۇشنى بىر قېتىملىق دادىل يېڭىلىق يارىتىش دېيىشكە بولىدۇ.

  دېڭ لېي مۇنداق دېدى: ‹‹ساياھەت +›› ۋە ‹‹تەنتەربىيە +››نى قانات يايدۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنى نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ۋە ئاممىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇرىمىز. مانا بۇ ‹‹گۈزەل يېزا – كەنتلەرگە سەپەر›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز.

  فەن جېنيۈ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت پىلانىمىزنىڭ تۇنجى بېكىتى، بۇنىڭدىن كېيىن، بىز يەنە سەپەر لىنىيەسىنى داۋاملىق مۇۋاپىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹تەنتەربىيە + ساياھەت››، ‹‹ساياھەت + ئاممىۋى پاراۋانلىقى››نىڭ تېخىمۇ زور تەسىر كۈچىنى جارى قىلدۇرىمىز. ‹‹گۈزەل يېزا – كەنتلەرگە سەپەر›› پائالىيىتىگە چېتىلىدىغان جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ يېزا – كەنتلىرى ھەم شۇ جاينىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن پائالىيەت مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، پۇقرالار ياقتۇرىدىغان پائالىيەت، مۇسابىقە ۋە ئومۇمىي خەلق چېنىقىش تۈرىنى پائالىيەتكە سىڭدۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى