تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ماركسىزملىق ھەقىقەتنىڭ كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ ۋە ئىگىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىش كېرەك

  شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 5–قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى:

  ماركسىزملىق ھەقىقەتنىڭ كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ ۋە ئىگىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى›› ھەم ئۇنىڭ دەۋر ئەھمىيىتى توغرىسىدا 5 – قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ماركسىزم ئاساسىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش كوممۇنىستلارنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى. بىزنىڭ ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى››نى ئەسلىشىمىز ماركسىزملىق ھەقىقەتنىڭ كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ ۋە ئىگىلەپ، ماركسىزملىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلىشىنىڭ نەزەرىيە مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى تەتبىقلاپ، ھازىرقى زامان جۇڭگودىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى››دىكى ئىلمىي قائىدە ۋە ئىلمىي روھنى ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇدىن ئىبارەت ئەمەلىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ تەتبىقلاپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش ئۈچۈندۈر.

    مەركىزىي تەھرىر – تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى يولداش ۋاڭ شۆدۇڭ بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈردى ھەم پىكىر – تەكلىپلەرنى بەردى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى››نىڭ دۇنياغا كېلىشى ئىنسانىيەت ئىدىيە تارىخىدىكى بىر ئۇلۇغ ئىش. ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى›› تۇنجى قېتىم سوتسىيالىزم قائىدىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، ئىلمىي بايان قىلغان ئۇلۇغ ئەسەر. ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى››دە ماركسىزمنىڭ ئىلمىي دۇنيا قاراش، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئىلغار خىسلىتى، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ سىياسىي مەيدانى، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ يۈكسەك غايىسى، ماركسىزمنىڭ ئىنقىلابىي پىروگراممىسى، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئىنتېرناتسىيونالىزم روھى چوڭقۇر شەرھلەنگەن. ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى›› ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىلمىي كۆزەتكەن، كۈرەش روھى، تەنقىدىي روھ، ئىنقىلابىي روھقا تولغان كىلاسسىك ئەسەر، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرغان، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىگەن، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئازادلىقىنى كۆزلىگەن كىلاسسىك ئەسەر. ماركسىزملىق نەزەرىيەنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئىنقىلابىيلىقى دىيالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم بىلەن تارىخىي ماتېرىيالىزملىق ئىلمىي دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى مەنبە قىلغان بولۇپ، بىزنىڭ دۇنيانى بىلىش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشىمىزنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال بىلەن تەمىنلىدى، دۇنيا سوتسىيالىزمىغا توغرا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى›› مەزمۇنى مول نەزەرىيە خەزىنىسى بولۇپ، ئۇ قايتا – قايتا ئۆگىنىشىمىزگە، چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىمىزغا، ئۈزلۈكسىز ئىدىيەۋى ئوزۇق ئېلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى›› دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا ئەمەلىيەتتە دۇنيا سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ مۇساپىسىنى چوڭقۇر دەرىجىدە ئۆزگەرتتى. پارتىيەمىز ئاچقان يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب يولى، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب يولى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش يولى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ ھەممىسى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتىكى ئۇلۇغ ئىجادىيەت. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى›› روھىنىڭ سادىق تارقاتقۇچىسىدۇر.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى››دە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا كوممۇنىزمغا بارىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مۇقەررەر يۈزلىنىش ئېچىپ بېرىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ غايە – ئېتىقادىنى چىڭىتىشى، مەنىۋى ماكانىنى چىڭ ساقلىشىغا نەزەرىيەۋى ئاساس سېلىپ بەردى. بىز كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى بىلەن، بىز قىلىۋاتقان ئىشلار بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ھەرقانداق خەۋپ – خەتەردىن قورقماي، ھەرقانداق كاشىلىدىن ئېزىقىپ قالماي، كوممۇنىستلارغا خاس غايە – ئېتىقادنى باشتىن – ئاخىر چىڭ ساقلاپ، كوممۇنىستلارنىڭ شەرەپلىك نامىغا يۈز كېلەلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى››نى ئۆگىنىش، تەتبىقلاشتا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى باشتىن – ئاخىر قەلبنىڭ ئەڭ يۇقىرىغا قويۇپ، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى كۆزلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى، تۇرمۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بارلىق خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ھەم چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، ھەم ھالىغا بېقىپ ئىش قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەسلىگە كىرىدىغانلار كىرەلەيدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيى يوقلار ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان بولۇش، ئاجىزلار ياردەمگە ئېرىشەلەيدىغان بولۇش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بارلىق خەلقنى ئورتاق بېيىش يولىنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر دۇنيا كۆپ قۇتۇپلىشىش، ئىقتىساد يەر شارىلىشىش، جەمئىيەت ئۇچۇرلىشىش، مەدەنىيەت كۆپ خىللىشىش چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا باغلىنىش، ئۆزئارا تايىنىش دەرىجىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى مىسلى كۆرۈلمىگەن بولۇپ، ماركس، ئېنگېلس ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى››دە چىقارغان ئىلمىي ئالدىن كۆرەرلىكنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى. بىز دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدىشىمىز ۋە يۈكسەلدۈرۈشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دەۋر مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى ئېلىپ كەلگەن خىرىسقا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنى ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلەندۈرىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى›› ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىغا نەزەرىيەۋى ئاساس سېلىپ بەردى. پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسىدىن تەۋرەنمەسلىكى، تەلەپنى تۆۋەنلەتمەسلىكى، سالماقنى بوشاشتۇرماسلىقى كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەلىپى ۋە زور ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، پارتىيە ئىچىدە كۆرۈلگەن يېڭى مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق پارتىيەگە خاس خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەڭگۈ دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، مەڭگۈ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يۆلەنچۈكىگە ئايلىنىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دەۋر تەرەققىياتى بىلەن قەدەمداش، خەلق بىلەن تەقدىرداش بولۇپ، دەۋر ۋە ئەمەلىيەت ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تېمىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ــــ ماركسىزمنىڭ مەڭگۈ ھاياتىي كۈچىنى ساقلىشىدىكى سىر. بىز ئىلىم – پەنگە ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ھەقىقەت روھى ئارقىلىق ھەقىقەتكە ئىنتىلىپ، ماركسىزمنى ئۈزلۈكسىز يېڭى دەۋر مەزمۇنىغا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. مىليونلىغان ئاممىنىڭ ئىجادىي ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ۋە ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، يېڭى يەكۈن چىقىرىپ، يېڭى تونۇشقا ئىگە بولۇپ، يېڭى نەتىجىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى دۇچ كەلگەن زور ۋە رېئال مەسىلىلەرگە، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرگە، خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەپەككۇر، يېڭى چارىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. ئىنسانلار ياراتقان بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 21 – ئەسىر ماركسىزمى، ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى›› قاتارلىق ماركسىزمنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش، ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەينەن ئۆگىنىپ، پىششىق ئوقۇپ، ئىنچىكە ئويلىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، چارىنى پىششىق ئىگىلەپ، ماركسىزملىق نەزەرىيە ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. كىلاسسىك ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش – تەھرىرلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ھەم نەتىجە يارىتىش، ھەم ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر ماركسىزم كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش – تەھرىرلەش تايانچ قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك. كىلاسسىك ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە شەرھلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نەزەرىيەنى مىليونلىغان خەلققە ئىگىلىتىپ ۋە قوبۇل قىلدۇرۇپ، ئەڭ چوڭ ئىدىيەۋى مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ چىقىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.