شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، 2018-يىللىق شىنجاڭ ماھارەت مۇسابىقىسى ۋە 45-نۆۋەتلىك دۇنيا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭدىكى تاللاش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە يېپىلدى. تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقە ۋە تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە كەسپىي ئىنستىتۇتتىن تاللانغان 310 ماھىر ئاپتوموبىل تېخنىكىسى، ئاپتوموبىل سىرلاش، سانائەت كونترول قىلىش، بىناكارلىق مېتال قۇرۇلما، كەپشەرلەش، قاقلاپ پىشۇرۇش، غەربچە يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش، ئاشپەزلىك، رېستۇران مۇلازىمىتى، ھۆسىن تۈزەش، چاچ ياساش قاتارلىق 11 تۈر بويىچە مۇسابىقىگە چۈشتى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئاپتونوم رايونلۇق مۇسابىقە ھەيئىتى ئويۇشتۇرغان، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 1-خىلدىكى مۇسابىقە ھېسابلىنىدۇ. كەسپىي ئىقتىدار مۇسابىقىسى يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بولۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، ئەمگەك قىلىش شەرەپلىك دېگەن ئىجتىمائىي كەيپىيات ۋە كەسىپنى سۆيۈش روھىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ماھارىتى بىلەن ئىختىساس ئىگىسى بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخنىكىغا تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
بۇ قېتمقى مۇسابىقىدە تاللانغان ماھىرلار مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەۋەتىلىپ تەربىيەلىنىدۇ ھەم 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 45-نۆۋەتلىك دۇنيا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، مۇسابىقىدىكى ئالدىنقى ئالتە ماھىرغا تېخنىك، ئالىي تېخنىك كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى، ھەر قايسى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرلارنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىغا ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىرلىكتە «مۇنەۋۋەر يېتەكچى ئوقۇتقۇچى» گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىدۇ.