تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتى قۇرۇلدى‎

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى رەسمىي قۇرۇلدى.

  بۇ جەمئىيەتنى دەسلەپتە شىنجاڭ «رۇڭخەي»، «داتاڭ» يىپەك يولى، «دوستلۇق» گۇرۇھى قاتارلىق سەككىز ئورۇن تەشەببۇس قىلىپ قۇرغان بولۇپ، ئومۇملاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ھازىرغا قەدەر 125 ئەزا كارخانا بار بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىسى چېگرا ھالقىش، ئالاھىدە مەھسۇلات، يېڭى پارچە سېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن پۇرسەتلەرگە ئېرىشكەن. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلدى ۋە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدى، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، ساياھەت، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق مال مەنبە ئەۋزەللىكى يەنىمۇ كۈچەيدى.

  شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لى خۇەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەلگۈسى ئىككى يىلدا، جەمئىيىتىمىز تىرىشىپ 800-1000 غىچە ئەزا كارخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى