تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ناچار كەيپىيات ئۆسمە پەيدا قىلىشى مۇمكىن

ماتېرىيال سۈرەت

    كىلىنىكىلىق مېدىتسىنادا «كېسەل يۈرەكتىن كېلىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. يېقىندا ئۈچىنچى ھەربىي تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى شىنچاۋ دوختۇرخانىسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاسپىرانت مۇدىرى، پىروفېسسور جۇبو زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ناچار كەيپىيات ئۆسمە پەيدا قىلىشى مۇمكىن، دېدى.

ماتېرىيال سۈرەت

    جۇبو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كىلىنىكىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، %90 تىن يۇقىرى ئۆسمە كېسەللىكىنىڭ پىسخىكا ۋە كەيپىيات بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك مۇناسىۋىتى بولۇپ، روھىي زەخمە، ناچار كەيپىيات راك كېسىلىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. پاسسىپ روھىي كەيپىيات ئادەم بەدىنىنىڭ كۆپلىگەن سىستېمىسىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت خۇشال بولالمىغاندا ياكى ئۈمىدسىزلەنگەندە ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەرىكىتى چەكلىنىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئەندىشە ۋە غەزەپلىنىش بۆرەك ئۈستى پوستلاق ماددىسى تۈرىدىكى خولېستېرىن قاتارلىق ئىچكى ئاجراتما ھورمونلىرىنىڭ ئاجرىلىشىنى كۆپەيتىپ، يۈرەك رېتىمىنى تېزلەشتۈرۈپ، قان بېسىمنى ئۆرلىتىپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ. بۇ پاسسىپ كەيپىياتلار ئاسانلا چوڭ مېڭە رېفلېكىسى ئارقىلىق بەدەننىڭ فىزىيولوگىيەلىك فۇنكسىيەسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ياكى يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئورگانىزملارنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش، راكنى چەكلەش ھالىتى راك پەيدا قىلىش ھالىتىگە ئۆزگىرىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    جۇبو ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەيلى ساغلام كىشىلەر توپى بولسۇن، ياكى بىمارلار بولسۇن، ئاكتىپ پىسخىكىلىق بېشارەتكە دىققەت قىلىشتىن سىرت، باشقىلارغا دەرد تۆكۈپ، ئۆزىنىڭ روھىي بېسىمىنى يېنىكلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن تەڭ ھاياتقا كۈلۈپ بېقىشى كېرەك. يۇمۇر ۋە كۈلكە چوڭ مېڭىنى غىدىقلاپ، ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    كۈلۈش بىر خىل ئۆزگىچە ھەرىكەت ئۇسۇلى بولۇپ، ئورگانىزمنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. جۇبو مۇنداق دېدى: كەيپىياتىڭىز چۈشكۈن ياكى تۇراقسىز ۋاقىتتا، پالەك، بانان، تۇخۇم، سۇلۇ ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى يەپ بېرىڭ، بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ كەيپىياتنى تەڭشەش رولى بار. ئەلۋەتتە چېنىقىشمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، دائىم چېنىقىپ بەرگەندە ئورگانىزمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، غەمكىن كەيپىياتنى يوقىتىپ، جىددىيلىكنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى