تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ناشتا قىلمىسىڭىز تېخىمۇ سەمىرىپ كېتىسىز

ماتېرىيال سۈرەت

    بەزى ئادەملەر ئۈلگۈرەلمەسلىك، ياكى ئورۇقلاش سەۋەبلىك ئەتىگەندە ناشتا قىلمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، قانۇنىيەتلىك ناشتا قىلىدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا ناشتا قىلمايدىغانلار تېخىمۇ ئاسان سەمىرىپ كېتىدىكەن. چۈنكى ناشتا قىلمىغانلار باشقا ۋاقىتتا تېخىمۇ كۆپ نەرسە يەۋالىدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

    مايئو شىپاخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى قۇرامىغا يەتكەن 347 ساغلام كىشىنىڭ ناشتا قىلىش ئادىتى، بەدەن ئېغىرلىقى، بەل ئايلانمىسى، ساغرا ئايلانمىسىنى خاتىرىلىگەن. تەتقىقات ئوبيېكتلىرى 87-18 ياشقىچە بولۇپ، تەتقىقاتقا ئاز دېگەندىمۇ ئىككى يىل قاتناشقان.

ماتېرىيال سۈرەت

    تەتقىقاتچىلار ئۇلارنى ناشتا قىلمايدىغانلار، تۇراقسىز ناشتا قىلىدىغانلار (ھەپتىدە 4-1 قېتىمغىچە ناشتا قىلىدىغانلار )، دائىم ناشتا قىلىدىغانلار (ھەپتىدە 7-5 قېتىمغىچە ناشتا قىلىدىغانلار) دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىغان، نەتىجىدە بايقىلىشىچە، ناشتا قىلمايدىغانلارنىڭ %26.7 ى سېمىزلىك ئۆلچىمىگە يەتكەن، ئەمما دائىم ناشتا قىلىدىغانلارنىڭ سېمىزلىك نىسبىتى %10.9 ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ياش، جىنىس، بوي ئېگىزلىكى، بەدەن ئېغىرلىقى قاتارلىق ئامىللارنى قوشقاندا، ناشتا قىلمايدىغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە بەل ئايلانمىسى ناشتا قىلىدىغانلارنىڭكىگە قارىغاندا 9.8 سانتىمېتىر كۆپ بولغان.

 

ماتېرىيال سۈرەت

    تەتقىقاتچىلار 4-ئاينىڭ 22-كۈنى ئامېرىكىنىڭ سان دىيېگودا تەجرىبە بىيولوگىيەسى 2018-يىللىق يىغىنىغا قاتناشقاندا يۇقىرىقى تەتقىقات نەتىجىسىنى دوكلات قىلغان. تەتقىقاتنىڭ باشلامچىسى كەيۋىن سىمس مۇنداق دېدى: «تەتقىقات نەتىجىمىز شۇنى كۆرسەتتىكى، مەيلى قايسى ياش باسقۇچىدا بولسۇن، دائىم ناشتا قىلىش ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىغا ئېرىشىشتا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، مۇستەقىل تۆھپە قوشىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى