تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن

  قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ بۆلۈم دەرىجىلىك ئەزاسى چىمدورجى

  ئۇزاقتىن بۇيان چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ‹‹مىللەت››، ‹‹دىن›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ھە دەپ سىڭدۈرمىچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى.

  ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ــــ ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، قالايمىقانچىلىق ــــ ئاپەت. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، خەلقنىڭ ئارزۇسى. مىللەتلەر ئېجىل – ئىناق ئۆتمىسە، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، ئىناقلىقىمۇ بولمايدۇ؛ جەمئىيەت تىنچ، ئىتتىپاق بولمىسا، دۆلەتمۇ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلالمايدۇ؛ دۆلەت گۈللىنىپ تەرەققىي قىلمىسا، مىللەتلەر گۈللەپ ياشنىيالمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى، تۈرلۈك ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. تارىخىي پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى مەزگىلدە، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى، ھەر مىللەت ئامما تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى؛ ئەكسىچە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا، جەمئىيەت داۋالغۇپ، تەرەققىيات ئاستىلاپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا پايدىسىز بولدى. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە ھەممەيلەن مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىشىمىز، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچىمىزنى بېغىشلىشىمىز كېرەك.

  پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى ھەر مىللەت خەلققە ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي نەپ يەتكۈزمەكتە، بىز ھەرقانداق كىشىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز. ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە جەھەتتە ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ، كاللىمىزنى ھەرۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى قەتئىي توسۇشىمىز، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  ھازىرقى ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇشىمىز، بولۇپمۇ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەك. ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ھەر ۋاقىت ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى خىزمىتىمىزگە سىڭدۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ ئېقىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى