تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

كاۋاپ يېيىشنى ياخشى كۆرەمسىز؟

ماتېرىيال سۈرەت

    ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى چېن زىڭشى جامائەت ساقلىقى ئىنستىتۇتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كاۋاپقا ئوخشاش «كاربونلاشقان» گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى دائىم يېگەندە يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرىلاپ كېتىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، يېمەك-ئىچمەكتە گۆش تۈرىدىكىلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا دىققەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى  يەنە تاماق ئېتىش ئۇسۇلىغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك ئىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

    بۇ بايقاش ئۈچ تۈرلۈك ئۇزاق مەزگىللىك تەتقىقاتنى ئاساس قىلغان بولۇپ، 104 مىڭ ئامېرىكىلىققا چېتىشلىق ئىكەن. تەتقىقاتنىڭ دەسلىپىدە سىناققا قاتناشقانلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلى يوق بولۇپ، ھەپتىدە ئاز دېگەندىمۇ ئىككى قېتىم گۆش يېيىش ئادىتى بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، 16-12 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 37 مىڭ ئادەم يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان. تەتقىقاتچىلار 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكا يۈرەك كېسىلى جەمئىيىتىنىڭ يىغىنىدا بەرگەن دوكلاتىدا مۇنداق دېگەن: ئېيىغا 15 قېتىمدىن ئارتۇق كاۋاپ يېگەنلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئېيىغا كاۋاپنى تۆت قېتىم ئاز يەيدىغانلارغا قارىغاندا %17 يۇقىرى. گۆشنى تولۇق پىشۈرۈپ يەيدىغانلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى گۆشنى چالا پىشۈرۈپ يەيدىغانلارغا قارىغاندا %15 يۇقىرى ئىكەن. تەتقىقاتتا تىلغا ئېلىنغان گۆشلەر كالا گۆشى، ئۆي قۇشلىرى گۆشى ۋە بېلىق گۆشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تەتقىقاتچىلار بۇ بايقاشنىڭ سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئامېرىكا ساغلام تۇرمۇش ئاخبارات تورى ئامېرىكا يۈرەك كېسەللىكى جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى لىندا ۋانخوئىننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق خەۋەر بەردى: بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ كۆرۈلۈشىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە يېمەكلىكلەرنىڭ «كاربونلىشىشى» دا بولۇشى مۇمكىن. بۇ جەرياندا بىر قاتار خىمىيەلىك ماددىلار پەيدا بولىدۇ، بۇ خىمىيەلىك ماددىلار ئارىلاش ھالقىلىق ئاروماتىك ئامىن ۋە كۆپ ھالقىلىق ئاروماتىك گىدروكاربونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    تەتقىقاتچىلار گۆش تۈرىدىكىلەرنى مۆتىدىل تېمپېراتۇرىدا سىجىل پىشۇرۇشنى نىسبەتەن توغرا بولغان ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى دەپ قارىغان. لىندا ۋانخوئىن مۇنداق دېدى: گۆش تۈرىدىكىلەرنىڭ كاربونلىشىشىدىن ساقلىنىش بىر خىل ئاقىلانە ئۇسۇل. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئادىتى قان بېسىمى ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بىزدە قان بېسىمىنى چۈشۈرىدىغان تەتقىقاتتا دەلىللەنگەن نۇرغۇنلىغان ئۇسۇللار بار، تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىش، مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ بېرىش، قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش، تولۇق پىشۇرۇلغان گۆشنى چەكلەش قاتارلىقلار نۇرغۇنلىغان تەدبىرلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈكلىرى ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى