تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنى خەلق سارىيىدا رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ لاۋروۋغا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ بۇ يىل 6 – ئايدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشىنى، پۇتىن بىلەن دوستلۇقىمىز ئۈستىدە كەڭ – كۇشادە سۆزلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو – رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق پىلانلاشنى ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە تەشكىلاتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو – رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى. ھازىر جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى پائال تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىماقتا. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ۋە ياۋروپا – ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنىڭ ئۇدۇللاشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئىشلاردا بىر – بىرىنى قوللاپ ۋە ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان خەلقئارا مۇناسىۋەت مىزانىنى ئورتاق قوغداپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق رامكىلاردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن جۇڭگو – رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە چوقۇم ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يېڭى يۈكسەكلىككە يېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  لاۋروۋ زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى، ئۇ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ پۇتىن جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەقەززا بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. رۇسىيە رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. رۇسىيە جۇڭگوغا ئوخشاش خەلقئارا قانۇن ۋە ‹‹بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى››گە ھۆرمەت قىلىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ كۆپ تەرەپلىك رامكا ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى قوللايدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.