تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

بىخەتەرلىك خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ تارىنى قاتتىق چىڭىتىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  شى جىنپىڭ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ چاۋشيەندە ئېغىر قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى:

  بىخەتەرلىك خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ تارىنى قاتتىق چىڭىتىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنى تېلېگراممىسى. 4 – ئاينىڭ 22 – كۈنى سائەت 18 ئۆپچۆرىسىدە، چاۋشيەننىڭ خۋاڭخەي – دودا ئېغىر قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 34 جۇڭگولۇق ساياھەتچى ئولتۇرغان ساياھەت ئاپتوبۇسى شۇ جايدىكى بىر كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ كەتتى. ھازىرغىچە 32 جۇڭگولۇق ساياھەتچى قازا قىلدى، ئىككى كىشى ئېغىر يارىلاندى.

  ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ چاۋشيەندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ دەرھال بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، چاۋشيەندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ماسلىشىپ، ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىشىنى تەلەپ قىلدى. يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، قازا قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. مۇناسىۋەتلىك جايلار يارىلانغانلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللى بېرىش خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانات يايدۇرۇشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېقىنقى مەزگىلدە تۈرلۈك بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى كەينى – كەينىدىن يۈز بەرمەكتە، بۇنىڭغا چوقۇم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ‹‹1 – ماي››لىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىدىغانلار نىسبەتەن كۆپ، ھەرقايسى رايونلار ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىخەتەرلىك خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ تارىنى چىڭىتىپ، بىخەتەرلىك خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى چوڭقۇرلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، كونكرېت ئەھۋالنى جىددىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، قۇتقۇزۇش ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

  شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ چاۋشيەندىكى ئەلچىخانىسى دەرھال جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى قوزغىتىپ، چاۋشيەن تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، چاۋشيەن تەرەپ بىلەن ماسلىشىپ پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزدى. چاۋشيەندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇ ھادىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ھازىر قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددىي ئىشلەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.