تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلدى

  ليۇ جيايى، شۆھرەت زاكىر سۆز قىلدى، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن ئالاقىدار پائالىيەتكە قاتناشتى

  مۇخبىرلىرىمىز يۈەن لېي، جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ جيايى باشچىلىقىدىكى شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا 4 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن 23 – كۈنىگىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، شەندۇڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ جىپسىلاشتۇرۇپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىقى، ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسار سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن سۆھبەت يىغىنى ۋە ئالاقىدار پائالىيەتكە قاتناشتى.

  ليۇ جيايى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تۆت كۈندىن بۇيان، بىز يول يۈرگەچ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، چوڭقۇر ئىلھام ئالدۇق، چەكسىز ھاياجانلاندۇق. ئەمەلىيەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ دانا، توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى، بىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتساقلا، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتالايمىز. بىز ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئاڭلىق ھالدا ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز. سالماقنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئاشۇرۇپ، دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە رولىمىزنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز. ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، تەپەككۇردا ۋە ئۇسۇلدا، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئاشۇرىمىز. ئۆزئارا زىيارەت قىلىشىپ جىپسىلاشتۇرۇش، تۇغقانلىشىپ ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزملىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن ئۆلكىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، تارماقلار ۋە شىنجاڭ خەلقىنى گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشقا يېتەكلەيمىز.

  شۆھرەت زاكىر سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: شەندۇڭ ئۆلكىسى ھەممىدىن بۇرۇن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە، 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، باشتىن – ئاخىر ‹‹قان بېرىش›› بىلەن ‹‹قان ئىشلەش››كە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، مالىيە كۈچى جەھەتتىن قوللاش بىلەن ئەقلىي كۈچ جەھەتتىن قوللاشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ دائىرىلىك، كۆپ تەرەپلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ئىككى جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق پۇرسىتى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئورتاق يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

  سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شۇجيەن ئاپتونوم رايون، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  سۆھبەت يىغىنىدا شەندۇڭ ئۆلكىسى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن بىلەن ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدىكى مەزگىلدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە بىڭتۈەن 12 – شىسىغا بېرىپ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ھەم شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن كېلىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن ما شۆجۈن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي، جاۋ چۇڭجيۇ، ليۇ جيەنشىن، لى شىنمىڭ، جاڭ يۇڭ قاتارلىقلار مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى