تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا 8000 نامرات كىشى ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولدى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 4-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى. بىر قېتىملىق باھار يامغۇرىدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ئىلى دەريا ۋادىسىدا ياشايدىغان روزىمەمەت تىلىۋالدى نۇرغۇن ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ياخشى مەزگىلدىن پايدىلىنىپ، 2000 مو ئىقتىسادىي ئورمان تىكتى. ئۇلار كۆچەت تىكىشتىن سىرت يەنە ئورماننى قوغدايدۇ. 

   بۇ يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايون يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئېكولوگىيە ئاممىۋى پاراۋانلىقى بويىچە يۆلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 8000 نامرات كىشى ئېكولوگىيەلىك ئورمان مۇھاپىزەتچىسىگە ئايلاندى. روزىمەمەت تىلىۋالدىمۇ 2750 مو ئورمانلىقنىڭ «يېڭى غوجايىنى» غا ئايلانغان بولۇپ، كۈندە موتسىكلىت مىنىپ چارلاشقا چىقىپ، ئوغرىلىقچە كېسىش، بوز يەر ئېچىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

   ئىلگىرى روزىمەمەت تىلىۋالدى ئائىلىسىدىكى بىر ئائىلىلىك ئالتە جان 70 مو بىنەم يەر ۋە ئىشلەمچىلىككە تايىنىپ جان باقاتتى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئاغرىپ قېلىشى ئەسلىدىلا قىيىنچىلىقتا قالغان ئائىلىنى تېخىمۇ مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

   «ئىلگىرى قۇرۇلۇشلاردا ئىشچى بولغىلى بولاتتى، ھازىر قىسقىغىنا نەچچە يىلدا ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى يېڭى ئۆي سېلىپ، تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى، يېڭى ئۆي سالىدىغانلارمۇ بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى.» روزىمەمەت تىلىۋالدى كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېتىزىنى كۆتۈرەگە بېرىپ ئۆزى ئىشلەمچىلىك قىلاتتى.

   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن نامرات ناھىيە، شەھەر ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، «ئېكولوگىيە + نامراتلارنى يۆلەش» ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئېكولوگىيە، ئىقتىسادىي ئۈنۈمدىن قوش ھوسۇل ئالدى.

   شىنجاڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا تارقىتىلغان نامراتلار ئارىسىدىن 40 ئاھالە ئېكولوگىيەلىك ئورمان مۇھاپىزەتچىلىكىگە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ھەر بىر كىشى يىلىغا 10 مىڭ يۈەن تولۇقلىما پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئىشقا چىقىشتىن ئىلگىرى ئېكولوگىيەلىك ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى ئورمانچىلىق ماھارەت تەربىيىسى بويىچە بىر تۇتاش تەربىيىلىنىدۇ؛ دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا ئۇلار تەشكىللىك ھالدا ئىھاتە ئورمان قۇرۇلۇشى، «كەنتلەرنى كۆكەرتىش» قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيىلىك ئورمان پەرۋىش قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قاتنىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى