تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

  يىغىندا ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىسادخىزمىتى ئانالىز قىلىندى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، ‹‹يېڭى دەۋردە پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، خەلقنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، چېگرانى كۈچەيتىپ، مۇداپىئەنى پۇختىلاش توغرىسىدىكى پىكىر››گە قاراپ چىقىلدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنى يىغىن ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى ئانالىز قىلدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، ‹‹يېڭى دەۋردە پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، خەلقنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، چېگرانى كۈچەيتىپ، مۇداپىئەنى پۇختىلاش توغرىسىدىكى پىكىر››گە قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىن مۇنداق قارىدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، چىگىش، مۇرەككەپ ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى بويىچە، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى داۋاملىق مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندۈردى. 1 – پەسىلدە ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، ماسلىشىشچانلىقى بىرقەدەر ياخشى بولۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ تۈرتكىلىك رولى كۈچىيىپ، سانائەت بىلەن مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى بىرقەدەر ياخشى بولدى. قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈشكە بولغان تىرەكلىك رولى كۆرۈنەرلىك بولدى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، يېڭى كەسىپلەرنىڭ يېتىلىشى ۋە ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى مۇقىملىقلىقى ئۈنۈملۈك ئاشتى، سۈپەت ئۈنۈمى بىرقەدەر ياخشى سەۋىيەنى ساقلىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ياخشى باشلىنىشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.

  يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتى 1 – يىغىنىنى ئېچىپ، زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ئورۇنلاشتۇردى. بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018 – يىللىق يىللىق يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، دۆلىتىمىز ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى يېڭى، مۇھىم تەدبىرنى ئېلان قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەينەن ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى قوللاش، جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتىنى تەدرىجىي قۇرۇشنى قارار قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى تارقاتتى.

  يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز ئىقتىسادىدىكى دەۋرىيلىك ۋەزىيەت ياخشىلاندى، لېكىن ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى چەكلەيدىغان قۇرۇلمىلىق، چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەر يەنىلا گەۋدىلىك، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››دە يەنە نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇرەككەپ. كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىش كېرەك.

  يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن يىللىق نىشان – ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن جاپاغا چىداپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. مۇھىمى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تەلىپى بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، ئۇدۇل كەلگەنلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇدۇل كەلمىگەنلىرىنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىش كېرەك. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى، سىياسەت سىستېمىسى، ئۆلچەم سىستېمىسى، ئىستاتىستىكا سىستېمىسى، ئۈنۈمنى باھالاش سىستېمىسى، سىياسىي نەتىجىنى باھالاش چارىسىنى چىڭ تۇتۇپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، رايونلار، تارماقلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قوللانمىغا ئىگە قىلىش كېرەك. جايلارنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان يول ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشىنى قوللاش كېرەك.

  يىغىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، تارماقلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئالدى بىلەن ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، پۇل سىياسىتىنىڭ پۇختا ۋە ئىشەنچلىك، نېيتراللىقىنى ساقلاپ، كۆزلىمە نىشانغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىش بىلەن ئىچكى ئېھتىياجنى داۋاملىق ئاشۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ماكرو ئىگىلىكنىڭ سىلىق يۈرۈشۈشىنى ساقلىشى كېرەك. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن كۆپرەك پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىپ، ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى شەكىل، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال مەدەت بېرىپ، داۋاملىق مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىپ، باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ۋە ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى يولغا قويۇشى كېرەك. تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت مۈلكى، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ئىسلاھاتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بېكىتىلگەن زور ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى بالدۇرراق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. كىرېدىت، پاي چېكى بازىرى، زايوم بازىرى، پېرېۋوت بازىرى، ئۆي – مۈلۈك بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋاقتىدا ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىشى كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاچقۇچلۇق ئۇششاق ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، خەلقنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، چېگرانى كۈچەيتىپ، مۇداپىئەنى پۇختىلاش دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا، دېڭىز مۇداپىئەسىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى. يېڭى دەۋردە پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، خەلقنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، چېگرانى كۈچەيتىپ، مۇداپىئەنى پۇختىلاش، پارتىيەنىڭ چېگرا، دېڭىز مۇداپىئەسى خىزمىتىگە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىشىنى كۈچەيتىشتە، قۇدرەتلىك، مۇقىم، زامانىۋى چېگرا، دېڭىز مۇداپىئەسى ئىستراتېگىيەسىنى ئورنىتىش نىشانىغا يېتىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇدرەتلىك، مۇقىم، زامانىۋى چېگرا، دېڭىز مۇداپىئەسى قۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  يىغىن مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، چېگرا، دېڭىز ياقىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ چېگرا، دېڭىز مۇداپىئەسى فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىشنىڭ تۈزۈم مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭ – چوڭ خىزمەتلەرنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، ئومۇمىي جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى ساھەدىكى كۈچلەرنى ھەقىقىي يۇغۇرۇش، خىزمەتلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، چېگرانى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا، دېڭىز مۇداپىئەسى كۈچ سىستېمىسىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ چېگرا، دېڭىز مۇداپىئەسىنى بىرلىكتە ئورتاق قۇرۇش يولىنى ئېچىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىش، بىرلىشىپ باشقۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئالاقىدار كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. چېگرانى كۈچەيتىش، مۇداپىئەنى پۇختىلاش ۋە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، چېگرانى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش، ئېكولوگىيەنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، چېگرا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا، دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلار ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى دېڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە گۈللەپ راۋاجلىنىشىنى قوغداش كېرەك.

  يىغىن يەنە باشقا ئىشلارنىمۇ مۇزاكىرە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.