تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا «كۆمۈر ۋە ماينىڭ ئورنىغا ئېلېكتىر ئىشلىتىش» ئارقىلىق يېشىل ‏تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 4-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلېگراممىسى. 4-ئاينىڭ 22-كۈنى دۇنيا يەر شارى كۈنى، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يەر شارىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش بارغانسېرى ھەر تەرەپلەرنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى. ئېلىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاپتونوم رايونىمىز «كۆمۈر ۋە ماينىڭ ئورنىغا ئېلېكتىر ئىشلىتىش» ئارقىلىق كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتىپ، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇلارنى قوغدىدى.

  مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىلىدىلا شىنجاڭ ئاھالىلەرنىڭ ئىسسىنىش، سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، قاتناش-تىرانسپورت، توك بىلەن تەمىنلەش ۋە ئىستېمال، ئائىلىلەرنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش قاتارلىق بەش ساھەدە ئېلېكتىر ئېنىرگىيەسىنى ئورنىغا دەسسىتىش تۈرىدىن 2600 دىن ئارتۇقنى يولغا قويغان، ئورنىغا قويۇلغان ئېلېكتىر مىقدارى 2 مىليارد 870 مىليون كىلوۋات سائەت بولغان، ئېنېرگىيە مەنبەسى ئىستېمال ھالقىلىرىدا تەخمىنەن 1 مىليون 50 مىڭ ئۆلچەملىك كۆمۈر تېجەلگەن، 2 مىليون 513 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىد، 75 مىڭ توننا گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىد، 38 مىڭ توننا ئازوت ئوكسىد، 684 مىڭ توننا چاڭ-توزاننىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئازايتىلغان.

  ئىسسىنىش جەھەتتە، شىنجاڭ جەمئىي 3 مىليون 700 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمگە مەركەزلىك ئېلېكتىر ئارقىلىق ئىسسىنىشنى، 3 مىليون 520 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمگە تارقاق ئېلېكتىر ئارقىلىق ئىسسىنىشنى ئومۇملاشتۇردى؛ قاتناش ساھەسىدە ئۈرۈمچى، قومۇل، بورتالا قاتارلىق شەھەرلەردە ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىل، توك قاچىلاش پونكىتلىرى، توك ئالماشتۇرۇش پونكىتلىرى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى.

  ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئورنىغا دەسسىتىش يەنە پۇقرالار تۇرمۇشىدىكى كىچىك جايلاردىمۇ ئىپادىلەندى، كىشىلەر ئامراق يەيدىغان نان، كاۋاپلارنى پىشۇرۇشتا ئىلگىرىكى ئىس قاينايدىغان كۆمۈردىن ھازىرقى توكلۇق تونۇر ۋە كاۋاپدانلارغا ئۆزگەردى؛ ئېغىر نامرات بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا، بىر تۈركۈم توكتا ياسالغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، توكلۇق سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتى قاتارلىق ئېلېكتىر ئېنىرگىيەسىنى ئورنىغا دەسسىتىدىغان يېڭى تېخنىكىلار قوللىنىلدى.

  تېخىمۇ ئاكتىپ بولغىنى، كۆمۈر ۋە ماينىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلىدىغان ئېلېكتىرنىڭ «يېشىل» بولۇش نىسبىتى بارغانسېرى يۇقىرىلىدى. 2017-يىلى شىنجاڭنىڭ شامال ئېلېكتىرى، فوتو ئېلېكتىرىنىڭ توك چىقىرىش مىقدارى %42 ۋە %54 ئېشىپ، 31 مىليارد 270 مىليون كىلوۋات سائەت ۋە 10 مىليارد 260 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە زاپىسى ئەڭ مول بولغان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2017-يىلىدا سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى 16 مىليارد 100 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %104.6 ئاشتى، «يېشىل» نەتىجىدىن پۈتۈن مەملىكەت نەپكە ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى