تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

قەلبىڭىزنى ئۆزگەرتسىڭىز تۇرمۇشىڭىزدىن ھوزۇرلىنالايسىز

ماتېرىيال سۈرەت

    قەلب دۇنيايىمىزنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، مەسىلىلەرگە تېخىمۇ كۆپ نۇقتىدىن قاراشنى ئۆگىنەلەيمىز،  ئەقىل-پاراسىتىمىزنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، مەسىلىلەرنىڭ كۆپ تەرىپىنى كۆرۈپ، مەسىلىلەرنىڭ گۈزەل تەرىپىنى بايقاشقا ماھىر بولالايمىز.

   يېنىمىزدىكى ئۆيگە يېڭى توي قىلغانلار كۆچۈپ كەلدى.

   ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئۆيدە مۇنداق بىر ئالاھىدىلىك بارلىقىنى، ئايالنىڭ كۈندە ئاز دېگەندە ئون نەچچە مىنۇت، كۆپ دېگەندە نەچچە سائەت كوتۇلدايدىغانلىقىنى؛ ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئايالنىڭ ئېرىنى ۋارقىراپ ئويغىتىدىغانلىقىنى، ئەرنىڭ بىر ئېغىز زۇۋان سۈرمەي سۈكۈت قىلىدىغانلىقىنى بايقىدىم.

   «ئەر-ئايال بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ» دېگەن داۋلىنىڭ تۈرتكىسىدىنمۇ مىجەزى تۈپتىن قارىمۇقارشى بۇ ئىككىيلەن ئاساسەن ئۇرۇشۇپ قالمايدىكەن، ئەكسىچە ناھايىتى بەختلىك ئۆتىدىكەن. نۇرغۇن كىشىنىڭ نەزەرىدە بۇ ناھايىتى قىيىن تېپىشماقتەك تۇيۇلىدىكەن.

   بىر كۈنى مەن ئەردىن گەپ ئالاي دەپ : ئايالىڭىزنىڭ مىجەزىگە بىر ئۆمۈر بەرداشلىق بېرەي دەمسىز؟- دېۋىدىم، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ : بەرداشلىق بېرىش دېگەن نېمە دېگىنىڭىز، ئەكسىچە مەن ناھايىتى ھۇزۇرلىنىۋاتىمەن، كۈندە كەچتە قانچىلىك ھېرىپ كېتىشىم، قانچە كەچ ئۇخلىشىمدىن قەتئىينەزەر، ئىشقا كېچىكىپ قېلىشتىن ئەسلا ئەنسىرىمەيمەن. چۈنكى ئايالىم كۈندە ئەتىگەندە ناشتىلىق تەييارلاپ دەل ۋاقتىدا مېنى ئويغىتىدۇ؛ ئىشتىن چۈشكەندە ئايالىمغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرى قىلىشىپ بېرەي دېسەم، ئايالىمنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىپ سەيلە قىلىپ كىرىشىمنى ئېيتىدۇ. ئۆيگە قايتسام مەززىلىك تاماق تەييار بولىدۇ. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئايالىم ئالماشتۇرۇپ بولغان پايپاقلىرىمنى قالايمىقان قويماسلىقىمنى، بولمىسا پايپاقلارنى يۇيغۇچە تاپالماي قالىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ،-دېدى.

   ئەرنى بىر تالاي قاقشاپ بېرىدۇ، دەپ ئويلىۋېدىم، ئەمما ئۇنىڭ بۇنداق جاۋاب بېرىشى مېنى بىر ئاز ئوڭايسىزلاندۇردى.

   ئەسلىدە باشقىلارنىڭ نەزەرىدىكى ئايالىنىڭ كەمچىلىكلىرى بۇ ئەرنىڭ كۆڭلىدە ئەسلا كەمچىلىك ھېسابلانمايدىكەن، ئەكسىچە بۇ كەمچىلىكلەردىن ھۇزۇرلىنالايدىكەن. بۇنداق تۇرمۇش بەختلىك بولماي، يەنە قانداق تۇرمۇش بەختلىك بولماقچى!

   ھەر قانداق ئىشنىڭ ئەسلى ماھىيىتى پۈتۈنلەي سىز كۆرگەن ۋە ئويلىغاندىكىدەك بولۇپ كەتمەيدۇ، سىزنىڭ كەچۈرمىشلىرىڭىز ۋە تەجرىبىلىرىڭىز يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىنى قانداق باھالاش ۋە ئۇنىڭغا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.

   بىزنىڭ باھايىمىز ۋە پوزىتسىيەمىزنى بەلگىلەيدىغىنى قەلبىمىز بولۇپ، بۇنىڭ ئەينى مەسىلە بىلەن كۆپ باغلىنىشى بولمايدۇ. شۇڭا بىز قەلب دۇنيايىمىزنى بېيىتىش ئارقىلىق، مەسىلىلەرگە توغرا قاراش ئادىتىنى يېتىلدۈرەلەيمىز. تۇرمۇشىڭىزنى ئۆزگەرتىمەن، ئەڭ ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك يول تاپىمەن دەيدىكەنسىز، ئاۋۋالقى قەدەمنى قەلبىڭىزنى گۈزەللەشتۈرۈشتىن باشلاڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى